قەدىمكى رىم ھەيكەللىرى
دۇنيادىكى ھەيكەللەر
قەدىمكى رىمدا پورترېت ھەيكەل ياساش ئەۋج ئالغان بولۇپ، ھەتتا مۇھىم سوۋغات قاتارىدا دوستلىرىغا ھەدىيە قىلىناتتى. قەدىمكى رىم ھەيكەلتىراشلىق ئۇسۇلى رېئالستىك بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ شەكىل يارىتىلىشىنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. يۇنان ھەيكەللىرىدەك رومانتىكلىق ئانچە مول بولمايدۇ.
«كاراكاللا» قەدىمكى رىم ھەيكەللىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. كاراكاللا تەلۋە، تەكەببۇر، رەھىمسىز ئىستىبدات بولۇپ، تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر قۇرساق ئىنىسى ۋە ئىنىسىنىڭ شېرىكلىرىدىن20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىۋەتكەن. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان7 يىل ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. مەرمەر تاشتىن ياسالغان كۆكرەك ھەيكەلدە پېرسوناژلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى نۇقتىلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇ بېشىنى سول تەرەپكە بۇراپ تۇرغان. چىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ۋە ياۋۇزلۇق بىلەن نېمىلەرگىدۇر تىكىلىپ تۇرغان، يامان نىيەتلىك كۆز نۇرلىرىدىن قەلبىدىكى گۇمانخورلۇق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. چىڭ يۇمۇلغان نېپىز كالپۇكلىرىدىن رەزىل ھىيلە - مىكىر چىقىپ تۇراتتى. ئېڭىكىدىكى ساقاللىرىغا تۇتىشىپ كەتكەن قىسقا بۈدۈر چاچلىرى ۋەھشىي رەھىمسىز تەلەتىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئىدى.
«ئاگرېبا» دېگەن مەرمەر تاشتىن ياسالغان كۆكرەك ھەيكەل باشقا بىرخىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئاگرېبا پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، قەلەمدىمۇ ئەلەمدىمۇ كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر گېنېرال. ھەيكەلدە پېرسوناژنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس خاراكتېرى ۋە ھەيۋەتلىك روھىي ھالىتى تولۇق نامايان قىلىنغان. كەڭ پېشانىسى، تىكىلىپ قارىغان چاغدىكى تۈرۈلگەن قوشۇمىسى، قىرلىق، كۈچلۈك قاڭشارى، نۇر يېغىپ تۇرغان چوڭقۇر كۆزلىرىدىن جەڭگىۋارلىقى، قەيسەرلىكى، ئەقىل - پاراسەت ۋە قابىلىيەت چىقىپ تۇراتتى. يۇمۇلغان كالپۇكى، مەزمۇت ئېڭىكى ۋە بوينىدىكى تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك مۇسكۇللىرىدىن پېرسوناژنىڭ كۈچى نامايان بولۇپ تۇراتتى.