UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرقەدىمكى يۇنان ھەيكەللىرى

قەدىمكى يۇنان ھەيكەللىرى

دۇنيادىكى ھەيكەللەر قەدىمكى يۇنانلىقلار ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىگە چوقۇناتتى. مەيلى قانداق تېمىدىكى ھەيكەللەر بولسۇن، مەيلى برونزا ياكى مەرمەر تاشتىن ياسالغان ھەيكەل ئەسەرلىرى بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكى كۆڭۈل قويۇپ ئىپادىلىنەتتى. «ھېراكلېس» (selcareH) مىلادىيىدىن ئىلگىرى4 - ئەسىردىكى مەرمەر تاش ھەيكەل. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باتۇر ھېراكلېس تەڭداشسىز كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ قەيسەرلىك بىلەن ئاسمان ئىلاھى تاپشۇرغان12 مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادا قىلغان. ئەسەردە ئۇنىڭ كونكرېت جەڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىپادىلەنمىگەن. بەلكى پالۋاننىڭ دەم ئېلىۋاتقان چاغدىكى روھىي ھالىتى يارىتىلغان بولۇپ، ئۆزىنى بوش قويۇۋېتىش ھەرىكىتىدىكى ساغلام، كۈچكە تولغان ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇ ئوڭ قولىنى دۈمبىسىگە قويغان، بەدەن ئېغىرلىق مەركىزى سول پۇتىغا چۈشكەن بولۇپ، يالىڭاچ بەدىنىدىن ئىنتايىن مۇبالىغە قىلىنغان مۇسكۇللىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. پالۋان بېشىنى سول پەس تەرەپكە قىيسايتىپ تۇرغان بولۇپ، ئۆزى قازانغان جەڭ نەتىجىلىرىگە ئېڭىشىپ قاراۋاتقاندەكمۇ ياكى نېمىلەرنىدۇر چوڭقۇر ئويلاۋاتقاندەكمۇ كۆرۈنىدۇ. «مېللوس ئارىلىدىكى ۋىناس» پۈتۈن ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ ۋەكىلى ۋە گەۋدىلەندۈرگۈچىسى دەپ ئاتالغان. بۇ ھەيكەل، مىلادىيىدىن ئىلگىرى1 - ئەسىردىكى ئەسەر. ھەيكەل ئىلاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ، رېئال تۇرمۇشتىكى ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلىگەن. ئېللىپسسىمان سوزۇنچاق يۈز، ئېقىپ چۈشكەندەك قاڭشار (يۇنانچە بۇرۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، تار ۋە تەكشى پېشانە، تولغان ئاستىنقى ئىڭەك، زىلۋا بەدەن، ئەۋرىشىم ۋە گۈزەل ئەگرى سىزىقلار يۇنان ئاياللىرىغا خاس گۈزەللىكنى نامايان قىلىپ، ياشلىق جىلۋىسىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. گەرچە ھەيكەلنىڭ ئىككى بىلىكى نابۇت بولغان بولسىمۇ، بەدەننىڭ بېجىرىملىكىنى يوقاتمىغان، كىشىگە بىر پۈتۈنلۈك ماسلاشقان گۈزەللىك بېغىشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر