UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرمەقبەرە تاش ھەيكەللىرى

مەقبەرە تاش ھەيكەللىرى

دۇنيادىكى ھەيكەللەر قەدىمكى دەۋرلەردىكى خان - پادىشاھ ۋە تۆرىلەر قەبرىسىنىڭ ئالدىغا ئابىدە خاراكتېردىكى تاشتىن ئويۇلغان ھەيكەللەرنى ئورناتقانىدى. مانا بۇلار مەقبەرە تاش ھەيكىلى دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ مەقبەرە تاش ھەيكەلتىراشلىقى دەسلىپىدە يېغىلىق دەۋرىدە باشلانغان. خەن سۇلالىسى ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرلىرىدە خېلى زور تەرەققىي قىلغان. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە سالاھىيىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ بېكىتىلگەن دەرىجە ئۆلچىمى شەكىللەنگەن بولۇپ، تاكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە داۋاملاشقان. خو چۈيبىڭ قەبرىسىدىكى تاش ھەيكەل − ئېلىمىزنىڭ بالدۇرقى مەزگىللەردىكى مەقبەرە تاش ھەيكەلتىراشلىقىدىكى ئېسىل سەنئەت بۇيۇمى. خو چۈيبىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سانغۇنى، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى پادىشاھ خەن ۋۇدىنىڭ ماۋلىن مەقبەرىسىنىڭ يېنىغا قويۇلغان. چىليەنشەن تېغىنىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىپ قەبرە ياسالغان ۋە »تاغ«لارغا چوڭ تىپتىكى توققۇز دانە تاش ھەيكەل ئورنىتىپ خو چۈيبىڭنىڭ ئاجايىپ كاتتا جەڭ نەتىجىلىرىنى خاتىرىلىگەن. تاش ھەيكەل پۈتۈن تاشنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئازراقلا ئويۇپ قويۇلغان، تاش ماتېرىيالىنىڭ ئەسلىي شەكلى ئامال بار ساقلاپ قېلىنغان. ئېغىرلىق تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك. «ھوننى دەسسەپ تۇرغان ئات» دېگەن ھەيكەل ئاساسلىق ھەيكەل بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن2 مېتىر. ئەسەردە بىر دانە بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تىك تۇرغان جەڭ ئېتىنىڭ ھون ئاقسۆڭەك سەركەردىسىنى دەسسەپ تۇرغانلىقى ئىپادىلەنگەن. ئاتنىڭ شەكىل ئىزناسى يىرىك، مەردانە، قۇرۇلمىسى ئاددىي ۋە ئىخچام. ھون سەركەردىسىنىڭ يۈز شەكلى كەڭ ۋە قىسقا بولۇپ، يەردە ياتقان شەكلى جەڭ ئېتىنىڭ تۆت پۇتى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن. جەڭ ئېتىنىڭ روھىي ھالىتى سەگەك ۋە بىمالال. ئات ئاستىدىكى سەركەردىدىن ئۈمىدسىزلىك روھىي ھالەت چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاتنىڭ قەھرىمانلىق خىسلىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كومپوزىتسىيىسى ئۆزگىچە بولۇپ، شەكىل ئالاھىدىلىكى روشەن. شياۋ جىڭ قەبرىسىدىكى شىر ھەيكەللەر جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى تاش ھەيكەللەر ئىچىدىكى ۋەكىللىك ئەسەر. قەبرە ئالدىدىكى بىر جۈپ شىرنىڭ ھەجمى زور. بېشىنىڭ ئېگىزلىكى3 مېتىرغا يېتىدۇ. شىر ئاستا ئالغا مېڭىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ، قورسىقىنى ئىچىگە تارتقان. تۆت پۇتى توم ۋە كۈچلۈك، ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ تىلىنى ساڭگىلاتقان، ئىككى مۈرىسىدە قانىتى بولۇپ، قەھرىلىك ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى لى شىمىننىڭ مەقبەرىسىنىڭ ئالدىدىكى6 جەڭ ئېتىنىڭ قاپارتما ھەيكىلى جاۋلېندىكى6 ئارغىماق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا6 ئارغىماقنىڭ تىك تۇرغان، مېڭىۋاتقان، چېپىۋاتقان ھەرىكەتلىرى يىغىنچاقلاشتۇرۇپ ياسالغان. شەكىل يارىتىلىشى ئىخچام ۋە جانلىق. بولۇپمۇ فىڭلۇزى دېگەن جەڭ ئېتىنىڭ، بەدىنىگە قادالغان ئوقيانى تارتقان چاغدىكى ئاغرىققا چىدىغان ھالدا، بەدىنىنىڭ ئىستىخىيىلىك ھالدا كەينىگە قورۇلغانلىقى، قىياپىتىدىن يەنىلا جەسۇرلۇق ۋە مەردانىلىك چىقىپ تۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، جەڭ ئېتىنىڭ باتۇرلۇق خىسلىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر
مەقبەرە تاش ھەيكەللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki