UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرموگاۋ غارىدىكى رەڭلىك ھەيكەللەر

موگاۋ غارىدىكى رەڭلىك ھەيكەللەر

دۇنيادىكى ھەيكەللەر دۈنخۇاڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېشى كارىدورىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇددا دىنى مۇشۇ يەر ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرگەن. شۇڭا، بۇددا دىنى مەدەنىيەت - سەنئىتىنى بالدۇرراق قوبۇل قىلغان. مىلادىيە366 - يىلى مىڭشاشەن تېغىنىڭ كېسىك يارىغا غار - ئۆڭكۈرلەرنى قېزىپ تام رەسىملىرىنى سىزغان ۋە بۇت ھەيكەللىرىنى ياسىغان. بۇنىڭ ئىچىدە موگاۋ غارى ئەڭ چوڭ. ياسالغان بۇتلار ئەڭ كۆپ، سەۋىيىسىمۇ ئەڭ يۇقىرى. موگاۋ غارى يىرىك قۇملۇق ياردا بىنا قىلىنغان. ئۇستىكارلار ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىپ، تاشنى ئۇل (فوندامىن) قىلىپ، لاي ئېتىپ رەڭلىك ھەيكەللەرنى ياسىغان. موگاۋ غارىدا ھازىرغىچە2100 دىن ئارتۇق رەڭلىك ھەيكەل ساقلىنىپ قالغان. ئوخشاشمىغان دەۋرلەردىكى ھەيكەل ۋە ياساش ماھارەتلىرىدە پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي ئۇسلۇبى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھىندىستانچە شەكىل يارىتىشتىن، تەدرىجىي ھالدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شەكىل يارىتىشىغا كۆچكەن. پانىي دۇنيادىكى ئەۋلىيالار ھەيكىلىدىن دىندىن تاشقىرى ئادەملەر قېلىپىغا ئۆتكەن. مەسىلەن،243 - غاردىكى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساكيامونىنىڭ ھەيكىلى قەددىنى رۇسلاپ تىك ئولتۇرغان. ئۇچىسىغا ھىندىستانچە كاسايا يېپىنغان. كوكۇلىسىنى چوققىسىغا يالپاق يۇمىلاق شەكىلدە تۈرۈۋالغان بولۇپ، «گاند خارا» چە سىياقىنى ساقلاپ قالغانىدى. ئوتتۇرا تاڭ سۇلالىسى مەزگىللىرىدە ياسالغان79 - غاردىكى نۆۋكەر بۇدساتۋا ھەيكەللىرىنىڭ سىياقى باشقىچە ئۇسلۇبتا بولۇپ، ئۈستۈنكى بەدىنى يالىڭاچ، يېرىم زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ھالەتتە ئىدى. بېشىغا تۈرۈۋالغان ئىككى چېكىسىدىكى كوكۇلىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پۇقرالار چاچ شەكلى ئىدى. يۈز ۋە بەدەن موسكۇللىرى تولغان بولۇپ، ھال رەڭ بېرىلگەن. تېرىلىرى ئاق، چىرايى مۇلايىم ئىدى. گەرچە قوشۇمىسىغا ھىندىستانچە قىزىل مەڭ چېكىلگەن بولسىمۇ، تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئادەمگە تېخىمۇ ئوخشايتتى. موگاۋ غارىدىكى ھەيكەللەر چىرايلىق، يېقىملىق بولۇپ، بەدىئىي سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى. مەسىلەن،159 - غاردىكى ئوتتۇرا تاڭ سۇلالىسى مەزگىللىرىدىكى ئىككى نۆۋكەر بۇدساتۋانىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ تىك ئولتۇرۇش قىياپىتى تەبىئىي. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بۇدساتۋانىڭ ئۈستۈنكى بەدىنى يالىڭاچ بولۇپ، مارجىنىنى قىيپاش ئاسقان. ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، سول قولىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان. بېشىنى ئوڭ تەرەپكە سەل - پەل قىيسايتىپ تۇرغان. يۇقىرىقى بەدىنى سول تەرەپكە قىيسايغان، داس قىسمى ئوڭ تەرەپكە يۈزلەنگەن، ھەرىكىتى ماسلاشقان بولۇپ، ھەم تەڭپۇڭلۇقى ساقلانغان. ھەم ئاياللارچە گۈزەل بەدەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنە بىر بۇدساتۋا تولۇق كىيىنگەن، ئىچكى ۋە سىرتقى كىيىملىرى بىر - بىرلەپ ئېنىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كىيىم قاتلاقلىرى، سىزىقلىرى راۋان، رەڭلىرى يارقىن ھەم جىلۋىلىك، ھەممە نەرسىلىرى ماسلاشقان. بويى زىلۋا، نىسبەتلىرى مۇۋاپىق بولۇپ، بۇ ئىككى ھەيكەل كىشىگە «تىرىك ھەيكەل» دەك تۇيۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر