UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرساڭرام رەڭلىك ھەيكەللىرى

ساڭرام رەڭلىك ھەيكەللىرى

دۇنيادىكى ھەيكەللەر سەنشى ئۆلكىسىنىڭ داتۇڭ دېگەن يېرىگە جايلاشقان شياخۇايەن ساڭرامىدىكى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەڭلىك ھەيكەللەر، جۇڭگو بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ ئېسىل نەمۇنىلىرى. ساڭرام لياۋ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى جۇڭشىنىڭ7 - يىلى (1038) قۇرۇلغان. ساڭرامدا ئۈچ زامان بۇتى (ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان، كەلگۈسى زامان) بار. ئون ماكان بۇدساتۋاسى، سىراۋاكا (akavarS)، ئارخات قاتارلىق جەمئىي29 رەڭلىك ھەيكەلدىن تەشكىللەنگەن. قىياپەتلىرى جانلىق بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار. مەسىلەن، جەنۇب تەرەپتە تۇرغان بىر بۇدساتۋا نېلۇپەر گۈلىنىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرغان بولۇپ، يۈزلىرى تولغان، بېشىغا تاج كىيگەن، يۇقىرىقى بەدىنى يالىڭاچ، ئىككى ئالىقىنىنى جۈپلەپ، مەيدىسىگە قويغان ھالدا كۆڭۈل قويۇپ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئاڭلىماقتا. ھەرىكىتى ئەركىن، گۈزەل، ھەيكەل ياساش ھۈنىرى زىل، ئەينەن تەسۋىرلەنگەن. قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭ، نىسبەتلىرى مۇۋاپىق بولۇپ، مۇكەممەل بەدىئىي ئەسەر. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭياۋ ناھىيىسىدىكى شۇاڭلىن ساڭرامىدىكى رەڭلىك ھەيكەللەر بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ يەنە بىر خەزىنىسى. ساڭرام ۋە بۇتلارنىڭ ياسىلىش ۋاقتى خۇايەن ساڭرامىدىن بالدۇر. ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغانلىقتىن، ھازىرقى ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇش ۋە ھەيكەللەر كۆپىنچە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قايتا رېمونت قىلىنغان. ئايرىملىرى يەنىلا بۇرۇنقى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان. ساڭرامدىكى ئون قەسىردە جەمئىي2 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك بۇتلار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى بۇت ئەڭ كۆپ بولغان ساڭراملىرىنىڭ بىرى. ساڭرامدىكى18 ئارخات ھەيكەللىرىنىڭ خاراكتېرلىرى روشەن، شەكىل يارىتىلىشى مۇستەھكەم، ئۇيۇل تاشتەك تۇيغۇ بېرىپ، «ئارخات بەدىنىنى نابۇت قىلمايدۇ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سېمىز، قاۋۇل ئارخات بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاغزىنى ئېچىۋالغان، كۆزلىرى دۈپدۆگىلەك بولۇپ، ھاياجان بىلەن سۆزلىمەكتە. ئۇنىڭ مىجەزى ئوچۇق - يورۇق، ھەمسال، مەرد - مەردانە ئارخات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئورۇق، ياشانغان بىرى بولۇپ، كۆزلىرىنى قىسىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سېمىز ئارخاتنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىماقتا. چىرايى خۇشخۇي، پوزىتسىيىسى يېقىملىق، ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك كۆزلىرىدىن چەكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىشەنچنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. سىكاندانىڭ ھەيكىلى كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيگەن، قاۋۇل، ئوڭ مۇشتۇمىنى تۈرگەن. ئوڭ تەرەپكە قارىغان، كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ ئاغزىنى چىڭ يۇمغان، قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، بۇرۇن چاناقلىرى كېرىلگەن، كىيىم لېنتىلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان بولۇپ، پەم - پاراسەتلىكلىكى ۋە باتۇرلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر
ساڭرام رەڭلىك ھەيكەللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki