شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل
دۇنيادىكى ھەيكەللەر
قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى پىرئەۋىن ئۆلگەندىن كېيىن «ئەرشتە ئۆز ئورنىغا قايتىش» نىيىتىدە، «تەننى نابۇت قىلماسلىق» ئۈچۈن، ئەلئېھرام مەقبەرىسىنى ياساتقان ۋە مەقبەرە يېنىغا كىشىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا ۋە ئابىدە ياساتقان. شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل ئەنە شۇ پىرئەۋىن گېپراننىڭ ئابىدىسى.
شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل مىلادىيىدىن ئىلگىرى2500 - يىللاردا ياسالغان. ئېگىزلىكى22 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى57 مېتىر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەيكەلنىڭ بېشى پىرئەۋىن گېپراننىڭ سۈرىتىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، سۈرلۈك ئەركەك شىر ھەيكەلنىڭ گەۋدىسى قىلىنغان. ھەيكەلنىڭ شەكىل يارىتىلىشى ئىنتايىن ئىخچاملانغان، ئالدىغا سوزۇلغان ئىككى پۇتى بىلەن تىرناقلىرىلا بىرقەدەر تەپسىلىي ئويۇلغان. يەر بېغىرلىغان ئارقا ئاياغلىرى گېئومېترىك شەكىلدە ئىخچام ئاددىي يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەنگەن. بىر پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئۇزۇنچاق تۆت چاسا تاش شەكلىنى ساقلاپ قالغان. باش قىسمى كۆڭۈل قويۇپ ئويۇلغان. ئىككى مۈرىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان باش كىيىم كىيگەن. يۈز قىسىم مۇسكۇللىرى تولغان، چېكىسى ئالدىغا كۆتۈرۈلۈپ چىققان، ئىككى پۇتىنى پۈكلەپ يىراقلارغا ھەيۋەتلىك قاراپ تۇرغان.5 مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا بوران ۋە ئاپتاپنىڭ چىرىتىشى بىلەن ھەيكەل ئىلگىرىكى سىلىق - پارقىراقلىقىنى يوقاتقان. پۇچۇلغان گەۋدىسى، سىلىقلىشىپ كەتكەن قىر ۋە بۇرجەكلىرى، نابۇت قىلىنغان تەپسىلاتلىرى، ھەيكەلنى تېخىمۇ ئاددىي - ساددا ۋە تەبىئىي قىلىۋەتكەن.