پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
قەدىمكى پادىشاھلىق تۈزۈمدە پادىشاھنىڭ ھوقوقى چەكسىز بولۇپ، «خىيالىغا كەلگەن ئىش» نى قىلاتتى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈم تەدرىجىي ھالدا «پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم» گە ئۆزگەردى. دۆلەتتە ئاساسىي قانۇن تۈزۈلگەنلىكتىن، پادىشاھ ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى. شۇڭا، ئۇ «چەكلىك پادىشاھلىق تۈزۈم» دەپ ئاتالدى.
بۇ خىل پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتتە پادىشاھ پەقەت شەكىلدىكى دۆلەت رەھبىرى بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. ھازىرقى ئەنگلىيە، دانىيە، شۋېتسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈزۈمنىڭ ھەممىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئوداللاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن كۈرەش ئارقىلىق مۇرەسسەلەشكەنلىكىنىڭ تارىخىي مەھسۇلى.