زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان دۆلەتلەردە زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى بولۇپ مەمۇرىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن بىر خىل ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى.
بۇ خىل زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردە، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭمۇ باشلىقى بولۇپ، ھۆكۈمەت مىنىستىرلىكلىرىنىڭ مىنىستىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. مىنىستىرلار زۇڭتۇڭنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. زۇڭتۇڭ پارلامېنتقا دۆلەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقوقى بولمايدۇ. لېكىن، پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن - لايىھىلەرنى ئىنكار قىلىش ھوقوقى بولىدۇ. زۇڭتۇڭ بىلەن پارلامېنت بىر - بىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. ھازىر ئامېرىكىدا دەل مۇشۇنداق زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلۇشى ناتايىن. پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەتلەردە گەرچە زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈردىكى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى پارلامېنتتا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن سىياسىي پارتىيە ياكى سىياسىي پارتىيىلەر ئىتتىپاقىدىن تەشكىللىنىدۇ، ھۆكۈمەت پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋابكار بولمايدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيە، ئىتالىيىلەر زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى بولغان پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت بولغاچقا، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقى چەكلىك بولۇپ، ئۇ كۆپىنچە مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.
فرانسىيىنىڭ بەشىنچى جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت. زۇڭتۇڭ دۆلەتنىڭ باشلىقى ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ قوماندانى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەتتە يىل بولۇپ، سايلانغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ. ئاساسىي قانۇندا زۇڭتۇڭغا زۇڭلىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، زۇڭلى كۆرسەتكەن مىنىستىرلارنى تەستىقلاش؛ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش (لېكىن ھەر يىلى بىر قېتىمدىن ئاشماسلىق) ھەمدە پارلامېنتنى قايرىپ قويۇپ، بەزى مۇھىم قانۇن لايىھىلىرىنى بىۋاسىتە پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇش قاتارلىق ھوقوقلار بېرىلگەن.