پادىشاھلىق تۈزۈمى
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
پادىشاھلىق تۈزۈمىدە پادىشاھ، يەنى شاھ، خان، تەڭرىقۇت، سۇلتان قاتارلىقلار دۆلەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى قانۇن، ھەرقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. پادىشاھلىقتا ئۆمۈرلۈك تۈزۈم، يەنى ئۆلگەنگە قەدەر پادىشاھ بولىدىغان تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولىدۇ. بۇ خىل سىياسىي تۈزۈم4 -5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. قەدىمكى دەۋردىكى قۇللۇق ۋە فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە كۆپرەك مۇشۇ خىل مۇستەبىت تۈزۈم يولغا قويۇلغان.
ھازىرمۇ دۇنيادا پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى ئون نەچچە دۆلەت بار. مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرقتىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، ئافرىقىدىكى ماراكەش، ئاسىيادىكى نېپال، بۇتان، برۇنېي قاتارلىقلار. ياۋروپادىكى ئەنگلىيە ۋە شۋېتسىيە گەرچە يەنىلا پادىشاھلىق دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەتكە ئۆزگىرىپ كەتكەن.