UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرىسوۋېت

سوۋېت

دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى «سوۋېت» روسچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «يىغىن» ياكى «ۋەكىللەر يىغىنى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى پرولېتارىيات ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب ئېلىپ بارغان تەشكىلات ئىدى، كېيىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ بىر خىل شەكلىگە ئايلاندى.1917 - يىلىدىكى فېئودال ئىنقىلابى مەزگىلىدە، روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشچى ئەسكەرلەر ۋەكىللىكىدىكى سوۋېت بىلەن دېھقانلار ۋەكىللىكىدىكى سوۋېت قۇرۇلۇپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىللە مەۋجۇت بولدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر سوۋېتى قوشۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىدىكى ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا ئايلاندى.1934 - يىلى، ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىكىدىكى سوۋېتقا ئۆزگەرتىلدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي سوۋېتى ئۇنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ، دائىملىق ئورگىنى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتى ئىدى.1989 - يىلى، خەلق قۇرۇلتىيىغا ئۆزگەرتىلدى. قۇرۇلتايدا بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقىلدى.1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئەمەلدىن قالدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى