دۆلەت سىستېمىسى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
دۆلەت سىستېمىسى − دۆلەتنىڭ سىنىپىي خاراكتېرى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق دۆلەتتە مۇئەييەن سىنىپنىڭ دىكتاتورىسى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان سىنىپلار دىكتاتورىسى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، تارىختا ئاساسەن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت، فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەت، كاپىتالىستىك دۆلەت ۋە سوتسىيالىستىك دۆلەتتىن ئىبارەت تۆت خىل دۆلەت سىستېمىسى بار.
مۇئەييەن دۆلەت سىستېمىسى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى − دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. تارىختىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى خىلمۇخىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، پادىشاھلىق تۈزۈم، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم، فېدېراتسىيە (قوشما شتات) تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قاتارلىقلار بار.