ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن تۈزۈم
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈش − ھاكىمىيەت ھوقۇقى بىلەن دىنىي ھوقۇق بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل سىياسىي تۈزۈمدىن ئىبارەت. قەدىمكى زاماندا قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈمدىكى بەزى دۆلەتلەر بىر خىل دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن، پادىشاھ - ئەمىرلەر دىنىي روھانىي بولىدۇ ياكى دىن ئارقىلىق دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھازىر ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان دۆلەتلەردىن ۋاتىكان، ئىران قاتارلىقلار بار.
ھازىر كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىلغان سىياسىي تۈزۈمنى يولغا قويغانلىقتىن، دىن پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىشى، دۆلەت دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭمۇ ھەرقانداق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.