جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
جۇمھۇرىيەت − دۆلەتنىڭ بىر خىل ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى بولۇپ، ئۇ جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى شۇكى: دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى ۋە دۆلەت باشلىقى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولىدۇ.
«جۇمھۇرىيەت» نىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئاممىۋى ئىشلار» دېگەندىن ئىبارەت. «جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى» ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ۋە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ پادىشاھلىق تۈزۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخىي ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، دۇنيادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئۇ سوتسىيالىستىك دۆلەت ۋە كاپىتالىستىك دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم، ئىچكى كابىنېت تۈزۈمى قاتارلىق تىپلىرى بار. زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، ئىچكى كابىنېت تۈزۈمى18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدە باشلانغان. زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە زۇڭتۇڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن بولىدۇ. زۇڭتۇڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىكلىرىنىڭ مىنىستىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ئۇلار زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛ زۇڭتۇڭ پارلامېنتقا (دۆلەت مەجلىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قەرەللىك دوكلات قىلىدۇ. پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن لايىھىلەرنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئەمما، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئىچكى كابىنېت تۈزۈمىدە پارلامېنتتا كۆپ ساننى ئىگىلىگەن سىياسىي پارتىيە ياكى بىرنەچچە سىياسىي پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت (ئىچكى كابىنېت) تەشكىللەيدۇ. ئىچكى كابىنېتنىڭ باشلىقى زۇڭلى ياكى باش مىنىستىر بولۇپ، بۇنى ئادەتتە پارتىيە رەھبىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، پارلامېنتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن دۆلەت باشلىقى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئىچكى كابىنېت پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە پارلامېنتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر پارلامېنت ئىچكى كابىنېتقا ئىشەنمەسلىك لايىھىسىنى ماقۇللىسا، ئىچكى كابىنېت كوللېكتىپ ئىستېپا بېرىشى، زۇڭلى قايتىدىن ئىچكى كابىنېت تەشكىللىشى كېرەك. ئىچكى كابىنېتمۇ دۆلەت باشلىقىغا پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان پارلامېنت ئىچكى كابىنېتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىدۇ.