UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرىتېننو تۈزۈمى

تېننو تۈزۈمى

دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى تېننو ياپونىيە پادىشاھىنىڭ نامى بولۇپ، پادىشاھ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورگىنى دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.1300 يىل ئىلگىرىلا، ياپونىيىدە تېننو بار ئىدى.1889 - يىلىدىكى مىڭجى ئاساسىي قانۇنىدا، تېننو «ئىلاھ» نىڭ ئەۋلادى، ئۇنىڭ ئەجدادى «ئىلاھ» قا ۋارىسلىق قىلىپ «ھۆكۈمرانلىق» قىلىدۇ، ئۇ تەڭداشسىز نوپۇزغا ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، تېننو ياپونىيىدىكى فېئودال پومېشچىكلار بىلەن مالىيە زومىگەرلىرىنىڭ ۋەكىلى. ياپونىيە قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى1945 - يىلى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،1946 - يىلى10 - ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈلۈپ، تېننونى «ئىلاھ» دەيدىغان كونا ئاساسىي قانۇن بىكار قىلىندى. تېننو «دۆلەتنىڭ سىمۋولى» قاتارىدىلا ساقلاپ قېلىنىپ، ئەمەلىي ھوقۇقنى تۇتمايدىغان بولدى. ئىلگىرىكى تېننو يۇرېن1989 - يىلى1 - ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ھازىرقى تېننو بولسا مىڭ رېن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
تېننو تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki