پارلامېنت تۈزۈمى
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
پارلامېنت تۈزۈمى پارلامېنتارىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان پارلامېنتنى دۆلەتنىڭ سىياسىي پائالىيەت مەركىزى قىلىش − ھۆكۈمەت پارلامېنت ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ھەمدە پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان بىر خىل سىياسىي تۈزۈم. پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى: پارلامېنتنى پۇقرالار سايلاپ چىقىدۇ؛ پارلامېنت قانۇن چىقىرىش فۇنكسىيىسىنى يۈرگۈزىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىدىغان مەلۇم ھوقۇق بولىدۇ؛ دۆلەتنىڭ باشلىقى مەيلى پادىشاھ بولسۇن ياكى زۇڭتۇڭ بولسۇن، ئەمەلىي ھوقۇق تۇتمايدۇ؛ ئىچكى كابىنېت پارلامېنتتا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن بىر پارتىيە ياكى بىرنەچچە پارتىيىدىن تەشكىللىنىپ، پارلامېنت ئالدىدا مەسئۇل بولىدۇ؛ مەسىلەن، پارلامېنت ئىچكى كابىنېت يولغا قويغان سىياسەت - فاڭجېنلارنى قوللىمىسا ياكى ئىچكى كابىنېتقا ئىشەنمەسلىك لايىھىسىنى ماقۇللىسا، ئىچكى كابىنېت چوقۇم ئىستېپا بېرىشى ياكى دۆلەت باشلىقىدىن پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.