UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرىفېدېراتسىيە تۈزۈمى

فېدېراتسىيە تۈزۈمى

دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى بىرنەچچە دۆلەت ياكى ئوبلاست (مەملىكەت) بىرلىشىپ تەشكىللەنگەن بىرلىككە كەلگەن دۆلەت فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا50 شتاتتىن تەشكىل تاپقان قوشما شتاتلىق فېدېراتسىيە. روسىيە بولسا،16 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت،5 ئاپتونوم ئوبلاست،10 ئاپتونوم رايون،6 چېگرا رايون ۋە49 ئوبلاستتىن تەركىب تاپقان فېدېراتسىيە. فېدېراتسىيە خەلقئارا ئالاقىدىكى سۇبيېكت بولۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنى ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنى بار؛ ھەرقايسى ئەزا دۆلەت بىلەن ئوبلاستنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قانۇنى ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنى بار، يەنە فېدېراتسىيىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، چەت ئەللەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت قىلسىمۇ بولىدۇ. ھازىر فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، روسىيە، برازىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار. ھازىرقى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئادەتتىكى فېدېراتسىيىلىك دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاشمايدۇ. ئەنگلىيە ئەسلىدە چوڭ ئىمپېرىيە ئىدى، ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەرگە تارقالغان بولۇپ، «قۇياش ئولتۇرمايدىغان دۆلەت» دېگەن نامى بار ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرى ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىل بولدى.1965 - يىلىدىن باشلاپ بۇ مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر بىلەن ئەنگلىيە قەرەللىك زۇڭلى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىدىغان بولدى. مانا بۇ «ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى» دۇر. ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەتلەر. ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە بىلەن ئەسلىدىكى مۇستەملىكە دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىر44 ئەزا دۆلەت بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
فېدېراتسىيە تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki