«فۇرۇڭ بازىرى»
دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
«فۇرۇڭ بازىرى» شاڭخەي كىنو ستۇدىيىسى1987 - يىلى ئىشلىگەن، شيې جىن رېژىسسورلۇق قىلغان، ليۇ شياۋچىڭ، جياڭ ۋېن باش رول ئالغان فىلىم. فىلىمدە سولچىل لۇشيەننىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە كەلتۈرگەن زور پاجىئەلىرى ئېچىپ بېرىلگەن.
فىلىم گۇ خۇانىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ سېنارىيىلەشتۈرۈلگەن. بۇ ھېكايە گۈزەل مەنزىرىلىك فۇرۇڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن، بازاردا «فۇرۇڭ پەرى» دەپ نام ئالغان خۇ يۈيىن ئىسىملىك بىر ئايال بار. كېلىشكەن، قولى ئەپلىك بۇ ئايال گۈرۈچ، دۇفۇ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، تېجەشلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يېڭى ئۆي سالدۇرىدۇ. «تۆتنى ئېنىقلاش» ھەرىكىتىدە، لى گوشياڭ باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى خۇ يۈيىنغا «يېڭى باي دېھقان» دەپ قالپاق كىيدۈرىدۇ، ئۆيىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئېرىنى قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئۆلتۈرىدۇ. ۋاڭ چيۇشې دېگەن لۈكچەك ھەرىكەتنىڭ تايانچ كۈچى بولۇۋالىدۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا، خۇ يۈيىن ئۈچ يىللىق كوچا سۈپۈرۈش جەريانىدا «ئوڭچى ئۇنسۇر» چىن شۈتيەن بىلەن چىقىشىپ قېلىپ مۇھەببەتلىشىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن پەلەك يەنە تەتۈر كېلىدۇ، چىن شۈتيەن10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ، ھامىلىدار خۇ يۈيىنغا: «ياشىغىن، ھايۋانغا ئوخشاش ياشىغىن!» دەيدۇ …10 يىللىق مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چېن شۈتيەن بەختكە يارىشا خۇ يۈيىننىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ، فۇرۇڭ بازىرى بۇرۇنقىدەك جانلىنىپ كېتىدۇ، «ھەرىكەت» كە تايىنىپ جان باقىدىغان ھېلىقى ۋاڭ چيۇشې ساراڭ بولۇپ، كوچىدا ئاۋازى قالمىغان پۇچۇق جاڭنى چېلىپ يۈرىدۇ …
«فۇرۇڭ بازىرى» 1988 - يىلى10 - نۆۋەتلىك يۈزگۈل مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتى (جياڭ ۋېن)، ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور مۇكاپاتى (ليۇ شياۋچىڭ) ۋە ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رول مۇكاپاتى (جۇ شېبىڭ) غا ئېرىشكەن. بۇ فىلىم يەنە7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» دا ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رول مۇكاپاتى (شۈ سۇڭزى)، ئەڭ ياخشى گۈزەل سەنئەت مۇكاپاتى (جىن چىفېن) غا ئېرىشكەن. شۇ يىلى چېخوسلوۋاكىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن26 - نۆۋەتلىك كارلوۋىۋارىي خەلقئارا فېستىۋالىدا يەنە خرۇستال شار مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان، شۈ سۇڭزى «چېخىيە تىياتىرچىلار جەمئىيىتى باھالاش كومىتېتى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن؛ بۇ كىنو ئىسپانىيىنىڭ32 - نۆۋەتلىك ۋايادورد خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا، باھالاش كومىتېتى ئالاھىدە تەقدىرلەش مۇكاپاتى ۋە تاماشىبىنلار مۇكاپاتىنىمۇ قولغا كەلتۈرگەن.