UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولار«سېرىق توپىلىق يەر»

«سېرىق توپىلىق يەر»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار 1984 - يىلى «سېرىق توپىلىق يەر» فىلىمىگە چېن كەيگى رېژىسسورلۇق، جاڭ يىمو ئوپېراتورلۇق قىلدى. بۇ رەڭلىك ھېكايە فىلىم1985 - يىلى جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوپېراتور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى يەنە ھاۋاي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «شەرق، غەرب مەركىزىي مۇكاپاتى» ۋە «ئوپېراتور مۇكاپاتى» غا، ئىسپانىيە لوكارنو كىنو كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مۇكاپاتقا، فرانسىيە نانتېس كىنو كۆرگەزمىسىدە ئوپېراتور مۇكاپاتىغا، لوندون كىنو كۆرگەزمىسىدە ئەنگلىيە كىنو جەمئىيىتىنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولدى. «سېرىق توپىلىق يەر» نىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئاددىي: سەككىزىنچى ئارمىيىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى گۇچىڭ سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ خەلق ناخشىلىرىنى توپلايدۇ. قىزغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر توي مۇراسىمىدا، ئۇ چىرايى غەمكىن بىر قىزنى ئۇچرىتىدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى گۇچىڭ قونۇۋاتقان بوۋاينىڭ ئۆيىدە ھېلىقى سۇي چياۋ ئىسىملىك قىزنى كۆرىدۇ. ئۇ قىز دادىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. گۇچىڭ ئېلىپ كەلگەن باشقا بىر دۇنيانىڭ تۇرمۇش پۇرىقى سۇي چياۋنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، گۇچىڭ بۇيرۇققا بىنائەن بۇ يەردىن كېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇرمۇش، نىكاھقا بولغان يېڭى ئىدىيىسى سۇي چياۋنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. نادان بوۋاي بالا چاغدا چاي ئىچكۈزۈپ قويغان قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ. توي بولغان ئاخشىمى سۇي چياۋ قېچىپ چىقىپ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتمەكچى بولىدۇ، لېكىن يېڭى تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ھالدا دولقۇنلۇق دەرياغا غەرق بولىدۇ. گۇچىڭ بۇ نامرات كەنتكە قايتىدىن كەلگەندە، سۇي چياۋنىڭ ئىنىسى ھەدىسى تىككەن بىر جۈپ پېتەكنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. فىلىمنىڭ مونتاژ بىرىكمىسى كۆڭلەن تەسۋىرىنى كۈچەيتىپ، ۋەقەلىكنى سۇسلاشتۇرغان، تۇيۇقسىز بولغان كۆرۈنۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق فىلىمنىڭ يوشۇرۇن مەزمۇنىنى ئېچىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. مەسىلەن، »يامغۇر تىلەش« كۆرۈنۈشىدە بىر ئېغىزمۇ دىئالوگ يوق. ئۇنىڭدا ئاۋاز، رەڭ، نۇر، ئاپپاراتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، مەيداندىكى ھەرىكەت نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىقلا، ئادەمنىڭ تەبىئەتتىكى سىرلىق كۈچلەرگە چوقۇنۇشى، بىخۇدلارچە تەقۋادارلىقى ھەمدە قارشىلىق كۆرسىتىشتىكى چارىسىزلىقى بېرىلگەن. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا بەلدۇمباقچىلار چىققان كۆرۈنۈشنىڭ ھەرىكەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، دۇمباق ساداسى زېمىننى تىترىتىدۇ، سېرىق توپا پۇرقىراپ ئۇچىدۇ. ئاپپاراتلارنىڭ ھەر تەرەپتىكى نۇقتىلاردا تۇرۇپ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملارنى سۈرەتكە ئالغانلىقى غەربىي شىمالدىكى خەلقلەرنىڭ يېڭى ھاياتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
«سېرىق توپىلىق يەر» | UyghurWiki | UyghurWiki