UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولارجىلغىدىن ئۆتۈش

جىلغىدىن ئۆتۈش

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار «جىلغىدىن ئۆتۈش» («پوچتا ھارۋىسى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)30 - يىللاردا ھوللېۋود ئىشلىگەن نادىر ئەسەرلەردىن بولۇپ،1939 - يىلى ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ يەتتە تۈرىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئاخىرىدا ئەڭ ياخشى مۇزىكا سەپلەش مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىم ۋەقەلىكى ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدا يۈز بەرگەن، بىر پوچتا ھارۋىسى روتسبۇرگقا قاراپ كېتىۋاتماقتا. ساقچى ئوفىتسېرى «بۈدۈر چاچلىق ئادەم» سۈرىتىدە ياسىنىپ، تۈرمىدىن قاچقان يولۋاسنىڭ ئىزىغا چۈشىدۇ. يولۋاس بەتنام چاپلىنىپ ناھەق تۈرمىگە سولىنىدۇ، تاغىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچىدۇ. سەپەر جەريانىدا، يولۋاس تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان ئاق كۆڭۈل پاھىشە ئايال داللاسنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ھارۋا شورلۇق يەردىن ئۆتۈۋاتقاندا، بىر توپ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. يولۋاس كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ھارۋىنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. ئۇلار روتسبۇرگقا سالامەت يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يولۋاس ئۆز رەقىبى ئۈچ ئاكا - ئۇكا بورۇملارنى تاپىدۇ. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ ئىنتىقام ئالغاندىن كېيىن ساقچى ئوفىتسېرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ، ساقچى ئوفىتسېرى يولۋاس بىلەن داللاسنى مېكسىكىغا قاچۇرۇۋېتىدۇ. ئۇزۇنلۇقى90 مىنۇتقا يېتىدىغان بۇ فىلىم غەربىي دىيار فىلىملىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك دالا، ساقچى، پادىچى، مۇھەببەت، زوراۋانلارنى يوقىتىپ خەلقنى خاتىرجەم قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ھەيۋەتلىك، ۋەقەلىكنىڭ راۋاجلىنىشى جىددىي، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ. بولۇپمۇ كەڭ دالىدا يەرلىك كىشىلەر پوچتا ھارۋىسىنى قوغلىغان بىر مەيدان كۆرۈنۈش قالتىس چىققان: ئاتلار ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان، ھارۋا ئەڭ تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان، چاڭ - توزانلار ئەتراپنى قاپلىغان، ئەھۋال قىل ئۈستىگە كېلىپ قالغاندا ئاتلىق ئەسكەرلەر يېتىپ كېلىدۇ، كاناي ئاۋازى ياڭراش بىلەنلا بايراقلا لەپىلدەيدۇ … فىلىمدىكى كارامەت ئوبرازلار، كۈچلۈك، ئۆزگىرىشچان رىتىم ھەمدە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ «قىيا تاش جىلغىسى» دىكى كۆرۈنۈشتە، چوقچىيىپ تۇرغان سېرىق قىيا تاشلار بىلەن پېرسوناژ ئوبرازى ھەيۋەتلىك پۈتۈن كۆرۈنۈش ئىچىدە گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرۈپ، تارىختىن بېرى غەرب كىنو ساھەسىدىكىلەرگە نەمۇنە بولۇپ كەلمەكتە. فىلىمنىڭ رېژىسسورى جون فورت ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تۆت قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. قىسقىسى، «جىلغىدىن ئۆتۈش» غەربىي دىيار فىلىمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېيىنكى كىنو ئىجادىيەتلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار