راشو دەرۋازىسى
دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
ياپونىيىنىڭ داڭلىق رېژىسسورى كۇرۇساۋا ئاكىرا رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىم ۋېنتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ مۇكاپاتىغا ھەمدە ئوسكار ئەڭ ياخشى چەت ئەل فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
فىلىمدە بەدىئىي جەھەتتىن يېڭى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيە جەمئىيىتىدە ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، پۈتۈن جەمئىيەتنى روھىي كرىزىس قاپلىغان قالايمىقانچىلىق ئەھۋالى كىشىلەرگە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. فىلىمدىكى روشەن تەسىرلىك كۆرۈش سېزىم ئوبرازى، ئىخچام قۇرۇلمىسى، كۈچلۈك ھەرىكەتچانلىقى، يەڭگىل، تېز رىتىمى، ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى جىق ئىشلەتكەنلىكى، مەقسەتلىك مۇبالىغە قىلىنغان نۇر ئۈنۈمى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولغان.
فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئاددىي: راشو دەرۋازىسىنىڭ تۈۋىدە جاھان كەزگۈچى راھىب، ئوتۇنچى قاتارلىقلار ساراي مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن قاراقچىنىڭ ئىقرارى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شەخسىيەتچى كېلىدۇ» دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ. فىلىمدە كىشىلەرگە «ئادەمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېگەن خۇلاسە يۈزەكى چۈشەندۈرۈلىدۇ. لېكىن، ئاخىرىدا جاھان كەزگۈچى راھىبنىڭ «مەن يەنىلا ئادەملەرگە ئىشىنىمەن» دېگەن سۆزى ئەخلاقىي ئىشەنچنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
فىلىمنىڭ تېما ئىدىيىسى ئۈستىدىكى تالاش - تارتىش ئەزەلدىن توختىمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزگىچە رېژىسسورلۇق ئۇسۇلىنى ھەممەيلەن مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئالدى بىلەن قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭىلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. فىلىم ئۈچ قاتناشقۇچى ۋە بىر شاھىتنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاتىللىق دېلوسىنى ئەپچىللىك بىلەن بايان قىلىدۇ. بۇ جەرياندا رېژىسسور بىر ئورۇننى كەينى - كەينىدىن تۆت ۋەقەگە بىرلەشتۈرگەن. ئاندىن تۆت ئادەمنىڭ بىر ۋەقەگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان بايانىنى مەركىزىي ۋەقە بىلەن مۇقەررەر ئالاقىسى بولمىغان يەنە بىر ھېكايىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ نۇقتىلىق، ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ بايانلار ئۆزئارا گىرەلەشكەن قۇرۇلما شەكلىنى ئىجاد قىلغان. ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ھەرىكەتلىك سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق بۇ تۆت چوڭ بۆلەكتىكى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلىق، ئوخشاش بولمىغان كەيپىياتلىق چېكىنمە باياننى ئىپادىلىگەن.