UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولار«پۇقرا كەين»

«پۇقرا كەين»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار «پۇقرا كەين» تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ فىلىم دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا چوڭقۇر فوكۇس ئارىلىقى بىلەن سۈرەتكە ئېلىش، مۇرەككەپ بولغان تېز چېكىنمە ۋە ئاۋاز مونتاژى (چاقماق تېزلىكىدە بىرلەشتۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىجادچانلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن. فىلىمدىكى پېرسوناژ بىلەن ۋەقەلىك ئاساسەن ئامېرىكا گېزىتچىلىك ساھەسىدىكى كاتتا زات ۋىليام راندولف خېرستنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان. ھەشەمەتلىك، قەدىمكى چىنادۇ قورۇقىدا76 ياشلىق گېزىتچىلىك پادىشاھى كەين جان ئۈزۈش ئالدىدا، «ئەتىرگۈل غۇنچىسى» دەپ پىچىرلايدۇ. مۇخبىر تومپسون بۇ سىرنى ئېچىش ئۈچۈن كەيننىڭ قول ئاستىدىكى باش دىرېكتور، ئۇنىڭ ئاشنىسى ھەمدە يېنىدىكى مالىيى قاتارلىق بەش كىشىنى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى كەيننىڭ بەش يېشىدىن تارتىپ تاكى مىڭ بىر جاپادا گېزىتچىلىك تىجارىتى يولغا قويغان ئاساسلىق تۇرمۇش ئەھۋالىنى تۈرلۈك نۇقتىدىن سۆزلەپ بېرىدۇ. مۇخبىر «ئەتىرگۈل غۇنچىسى» نىڭ سىرىنى يەنىلا بىلەلمەيدۇ. فىلىم ئاخىرلىشاي دېگەندە، كىشىلەر كەيننىڭ بىر قىسىم كونا ئائىلە جابدۇقلىرىنى كۆيدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا تازىمۇ ئەتىۋارلايدىغان بىر چانا بولۇپ، شۇ چانىغا «ئەتىرگۈل غۇنچىسى» دېگەن خەت ئويۇلغانىكەن. دېمەك، بۇ كاتتا ئەرباب ئاخىرقى تىنىقىغىچە يەنىلا ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغدىكى خىياللىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. بۇ، ھازىرقى زامان بايان قىلىش قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن فىلىم. ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى تىياتىر قۇرۇلمىسى ۋە تەرتىپى بۇزۇپ تاشلانغان، كىنونىڭ زامان، ماكان ئەركىنلىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، بەش پېرسوناژنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەسلىمىلىرى گىرەلەشتۈرۈپ ئىپادىلەنگەن. فىلىمگە كۆپلىگەن تېز چېكىنمە كۆرۈنۈشلىرى كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر گۇرۇپپىسى قالتىس ئىشلەنگەن. باش پېرسوناژنىڭ ياشلىق چاغلىرىنى ئىپادىلەيدىغان كۆرۈنۈشتىكى سۈرەتلەر تەۋرىنىپ تۇرىدۇ، پليونكىدىكى سىزىقچىلار تاماشىبىنلارغا خۇددى كونا پليونكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. كېيىنكى چاغلارنى ئىپادىلەيدىغان كۆرۈنۈشلەر مۇقىم، سۈزۈك كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىككى خىل سۈرەتلەرنىڭ ئېكراندا نۆۋەتلىشىپ كۆرسىتىلىشى فىلىمنى خۇددى ھۆججەتلىك فىلىمدەك تارىخىي چىنلىققا ئىگە قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار