«لاۋمونىڭ ئىككىنچى باھارى»
دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
گومىنداڭ ھەربىي سېپىدىن چېكىنگەن ئەسكەرنىڭ قېرىغاندىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئىپادىلەنگەن بۇ فىلىم1984 - يىلى تەيۋەن «ئالتۇن ئات مۇكاپاتى» نىڭ ئەڭ ياخشى ئەسلىي ئەسەر سېنارىيە مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى ۋەقەلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
فىلىمدە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر لاۋمو بىلەن گاۋشەن قىزىنىڭ نىكاھ سودىسىدىن پايدىلانغان ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇق كىشىلىرىنىڭ تەيۋەنگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن كەچۈرۈۋاتقان مۇساپىرچىلىق روھىي ھالىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. لاۋمو تۈز كۆڭۈل، شەپقەتلىك ئادەم، ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا خوتۇن - بالىلىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئىسرىق سالىدۇ، ئاندىن تاغلىق قىز يۈمېينى سېتىۋېلىپ خوتۇن قىلىدۇ. لېكىن، يۈمېي لاۋموغا ئەۋلاد قالدۇرۇپ بېرەلمەيدۇ، جىن شۇ ئىسىملىك بىر ئىشچىنىڭ يۈ مېيگە قىلغان قىلىقلىرى لاۋمونىڭ كۆڭلىگە زەربە بولىدۇ. ئەمما، يۈمېي جىن شۇنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىپ، قورسىقىدا لاۋمونىڭ بالىسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، جىن شۇ كېتىپ قالىدۇ.
فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى بىرقەدەر تۈز ۋە ئادەتتىكىدەك. لېكىن، ئۇنىڭ مەزمۇنى تازىمۇ سەزگۈر رېئال مەسىلىگە بېرىپ تاقالغان، ئىدىيىۋى ئەھمىيىتى ئادەتتىكى نىكاھ، مۇھەببەت تېمىلىرىدىن خېلى بەك ئېشىپ كەتكەن. قىسقىسى، فىلىمگە تارىخقا بولغان تەنقىد، جەمئىيەتكە بولغان ئويلىنىش يوشۇرۇنغان.
پۈتۈن فىلىمدىكى ئىچكى روھىي ھالەتلەر ۋايىگە يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەنگەن. لاۋمونىڭ رولىنى ئالغان سۈن يۆ، پېرسوناژنىڭ ياشانغان چاغدىكى روھىي ھالىتىنى، ياش خوتۇنىغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە ئەندىشىسىنى، شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتى شەندۇڭغا قايتىپ كېتىش ئارزۇسىنى ناھايىتى تەبىئىي، چىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن. رېژىسسور سۈرەتكە ئالغاندا ئۇزۇن كۆرۈنۈشنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، چىن، ئوبيېكتىپ بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، يوشۇرۇن مەنىلىك ئوبرازلارنى يارىتىشقىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقارغان: لاۋمو رىكشىنىڭ پىدالىنى دەسسىگەندە دۈمبە قىسمىنىڭ چوقچىيىپ چىققان ئالاھىدە كۆرۈنۈشى كىشىگە ئەبجەق ھارۋىنى سۆرەۋاتقان قېرى كالىنى ئەسلىتىدۇ؛ يۈمېي بىلەن جىن شۇ مۇزىكىنىڭ رىتىمىگە چۈشۈرۈپ بىللە ئىش قىلىۋاتقاندا، لاۋمونىڭ ئىشىك تۈۋىدە ياندىن قاراپ تۇرۇشى ئۈچ ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىچكى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.