«يۈچىن يەڭگە»
دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
تەيۋەن يازغۇچىسى بەي شيەنيۇڭنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بۇ فىلىم1984 - يىلى تەيۋەن ئالەم كىنوچىلىق شىركىتى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. شۇ يىلقى «ئالتۇن ئات مۇكاپاتى» دا ئەڭ ياخشى بالا چولپان مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئەسلىي ئەسەر مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، تەيۋەن جۇڭگو كىنو باھالىغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن شۇ يىلقى خەنزۇ تىللىق10 چوڭ فىلىمنىڭ بىرى، دەپ باھالانغان.
«يۈچىن يەڭگە» فىلىمىدە،30 - يىللاردىكى بىر باي ئائىلىنىڭ ئوغلى رۇڭ گېنىڭ كۆزى بىلەن، يۈچىن يەڭگىنىڭ بىر مەزگىللىك مۇھەببىتىگە نەزەر سېلىنغان. كېلىشكەن، ياش تۇل ئايال يۈچىن يەڭگە رۇڭ گېنىڭ خىزمەتكارى بولىدۇ. ئۇ ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇپ، ئۆزىدىن بىرقانچە ياش كىچىك يېتىم بالا چىڭ شېڭنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك يۆلەنچۈكى قىلىدۇ. دەرمانى يوق چىڭ شېڭ يۈچىن يەڭگىنىڭ بۇ خىل ئانىلىق مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان ھېسسىياتىغا قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ، كېيىن ئۇ قىلىچۋازنىڭ رولىغا چىقىدىغان جىن يەنفېينى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. يۈچىن يەڭگە قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئاشىقىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆزىمۇ ئۆلۈۋالىدۇ. بۇ ھايات - ماماتلىق مۇھەببەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى چۈشەنمىگەن رۇڭ گېغا بىر قاتار سوئاللارنى قالدۇرىدۇ.
رېژىسسور جاڭ يى سۇس رەڭ بىلەن تەمكىن مۇزىكا، ئۇزۇن كۆرۈنۈش بىلەن فوكۇس ئارىلىقىدىكى چوڭقۇر كۆرۈنۈش قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، ياڭ خۇيشەن (يۈچىن يەڭگىنىڭ رولىنى ئالغان) نىڭ نازۇك، تەرتىپلىك، قاتلاملىق ماھارەتلىرىنى تولۇق سۈرەتكە ئالغان. ئاللىقاچان مودىدىن قالغاندەك تەسىر بېرىدىغان ئۇزۇن كۆرۈنۈشلەرنى ئالغاندا، ئاپپارات ھەرىكىتى ۋە ئاكتيورنىڭ نىشانلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق پېرسوناژنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى تەبىئىي، راۋان ئىپادىلەيدىغان دەرىجىگە كەلتۈرگەن. رېژىسسور يەنە سىلىق كىرىپ، سىلىق چىقىپ كېتىدىغان ئەنئەنىۋى ماھارەتنى ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ باغلىنىشىغا ئىشلەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل قەدىمىي پۇراق پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. پۈتۈن فىلىم ئۇسلۇب جەھەتتىن چەمبەرچاس بىرىكتۈرۈلگەن، سۇس رەڭ، يۈچىن يەڭگىنىڭ ئاددىي - ساددا كىيىمى، ئاپپاراتنىڭ سالماق، ئاستا ھەرىكىتى قاتارلىقلاردا «دەۋرنىڭ قەدىمىگە ماس كەلتۈرۈش» مەقسەت قىلىنغان.
بىرنەچچە ئاكتيورنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان. ياڭ خۇيشەن كۆز، ئىنتوناتسىيە ۋە تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ھەم سوغۇق قان، ھەم ھېسسىياتچان يۈچىن يەڭگىنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. رۇڭ گې يۈچىن يەڭگىنى باشلاپ چىڭ شېڭنى كۆرگىلى بارىدىغان كۆرۈنۈشتە، يۈچىن يەڭگە ئۆز ئاشىقىنىڭ خائىنلىق قىلىپ يۈز ئۆرۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قاتتىق ئازابلىنىدۇ ۋە ھالسىزلىنىپ ئاستا - ئاستا سىيرىلغىنىچە يەردە ئولتۇرۇپ قالىدۇ، يۈز مۇسكۇللىرى تەدرىجىي چىڭقىلىدۇ. ئۇ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى تۇتۇپ، ئېسەدەپ يىغلايدۇ. بۇ يەردە يۈچىن يەڭگىنىڭ كەيپىياتىدىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن ئىنچىكلىك بىلەن تولۇق ئىپادىلەپ بېرىلگەن. رۇڭ گې رولىنى ئالغان بالا چولپان لىن دېڭفېڭ ئەسلىدە ئاكتيور ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇ رولنى ناھايىتى تەبىئىي ئورۇنداپ، ئوماق، ئاق كۆڭۈل بىر بالا دۇچ كەلگەن سوغۇق مۇئامىلە، ھەسرەت - نادامەت ۋە گۇمانلارنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.