UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولار«بېلىقچىلار كۈيى»

«بېلىقچىلار كۈيى»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار 1934 - يىل6 - ئايدا سەي چۇشېڭ سېنارىيىسىنى يازغان ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان، ۋاڭ رىنمېي بىلەن خەن لەنگېن باش رول ئالغان «بېلىقچىلار كۈيى» شاڭخەيدە تۇنجى قېتىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. نامرات بېلىقچىلارنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەكس ئەتتۈرگەن بۇ فىلىم دەسلەپتىلا ئۇدا84 كۈن قويۇلدى.1935 - يىلىدىكى موسكۋا خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىدا «شەرەپ مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ خەلقئارا شان - شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان تۇنجى فىلىمى بولۇپ قالدى. بۇ ۋەقە ئىگىلىكى خارابلاشقان، خەلقنىڭ كۈنى تەس ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كونا جۇڭگودا يۈز بەرگەن. كەمبەغەل بېلىقچى شۈفۇ قاتتىق بوران - چاپقۇندا جېنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭ خوتۇنى كېمە خوجايىنىغا ئىنىكئانا بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئون يىلدىن كېيىن، خې ئائىلىسىنىڭ بايۋەچچىسى زىيىڭ بىلەن شۈئاننىڭ قوشكېزەك بالىسى شياۋ مياۋ، شياۋ خۇلار چوڭ بولىدۇ، ئۈچ بالا ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. مىلىتارىستلار ئۇرۇشى تۈپەيلى، شۈ ئانا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ شاڭخەيدىكى تاغىسىنى ئىزدەپ كېلىپ، كوچىلاردا ناخشا ئېيتىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بىر كۈنى ئۇلار چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن خې زىيىڭ بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ. خې زىيىڭ ئۇلارغا ياخشى نىيەتتە100 كوي پۇل بېرىدۇ. ھالبۇكى، شياۋ خۇ بىلەن شياۋ مياۋ شۇ پۇلنىڭ كاساپىتى بىلەن تۈرمىگە سولىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كېتىدۇ، زى يىڭمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدۇ − دادىسى ئىگىلىكتە ۋەيران بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. خې زىيىڭ شيا خۇ، شياۋ مياۋلار بىلەن بىللە بېلىقچىلار كېمىسىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئاخىرىدا، شياۋ خۇ بېلىق تۇتۇش جەريانىدا يارىلىنىپ قازا قىلىدۇ، فىلىم ئېچىنىشلىق «بېلىقچىلار كۈيى» ئىچىدە تاماملىنىدۇ. فىلىم «بېلىقچىلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە نامرات ئۆتىدىغانلىقى» نىڭ تۈپ سەۋەبى − «ئادەم ئادەمنى يەيدىغان» زۇلمەتلىك جەمئىيەت، بېلىق زومىگەرلىرىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزى ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىدا ئىكەنلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. شياۋ مياۋ، شياۋ خۇلار نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى چەككەن، ئەمما ئۇلار ئاتا - ئانىسىدەك ئىتائەتچان مۆمىنلەر ئەمەس، بەلكى ئۆز ھاياتلىق يولىدا باشتىن - ئاياغ باش ئەگمەي چىڭ تۇرىدىغان يېڭى تىپتىكى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. فىلىمنىڭ تېما ناخشىسى «بېلىقچىلار كۈيى»، قايغۇ - ھەسرەت ۋە پىغانغا تولغان ناخشا. ئۇ، كىنونىڭ بېشىدىلا بېلىقچىلار سەھەردە دېڭىزغا بېلىق تۇتۇشقا چىققان كۆرۈنۈشكە سەپلىنىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئاھاڭ كېيىنچە ئاخىرغىچە فىلىمنىڭ تېما ناخشىسىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە فىلىمدىكى ۋەقەلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ ھەسرەتلىك، قايغۇلۇق مەنزىرىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. « … چېچىپ تور، تارتىپ تانا، تۇمان ئىچرە تۇتىمىز بېلىق.… » ئەنە شۇ ناخشىدىكى مىسرالاردۇر. فىلىم ئاخىرلىشىپ شياۋ خۇ ئاپەتكە ئۇچراپ قازا قىلغاندا: «بېلىق تۇتماق بەك قىيىن، بېجى قاتمۇقات، بېلىقچىلار ھەمىشە ئۆتىدۇ نامرات… » دېگەن ناخشا ياڭراپ، فىلىمنىڭ تېمىسىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك گەۋدىلەندۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار