UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولار«خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىش»

«خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىش»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار «خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىش» («تۆت يۈز قېتىم» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) نى فرانسىيە يېڭى دولقۇن كىنولىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى فرانسوئىس تروففاۋت1959 - يىلى ئىشلىگەن. ئۇ، بىر بالا جىنايەتچى ئانتونى دوينېلنىڭ تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن. بۇ فىلىم كان خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. فىلىم ۋەقەلىكى12 ياشلىق ئانتونىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلغان. ئۇ، ئائىلىنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، مەكتەپنىڭ قاتتىق تۈزۈمىدىنمۇ ئىنتايىن بىزار بولىدۇ. ئۇ ئاۋۋال مەكتەپتىن قاچىدۇ، كېيىن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ ياش - ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىلىدۇ. ئانتونى بۇ يەردىكى ئىنسان تەبىئىتىدىن چىقىپ كەتكەن تەربىيىگە چىداپ تۇرالماي قېچىپ چىقىدۇ، لېكىن نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. فىلىمدە باشتىن - ئاياغ پېرسوناژنىڭ خاراكتېرى، كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، جۈملىدىن ئىككى خىل مۇھىتنىڭ سېلىشتۇرمىسى باشتىن - ئاياغ ئىزچىللاشتۇرۇلغان، يەنى قامال قىلىنغان، سولايدىغان مۇھىتتىمۇ (دەرسخانا، ئانتونىنىڭ ياتىقى، ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى)، ئەركىن مۇھىتتىنمۇ (ئانتونىنىڭ دوستلىرى بىلەن بىللە مەكتەپتىن قېچىشى، ئۇنىڭ يەنە دېڭىزغا قاراپ قېچىشى) دىن بېشارەت بەرگەن. فىلىمدە يەنە ۋەقەلىك رىتىمىنىڭ ئاستا ۋە تېزلىكى دائىم ئالمىشىپ تۇرىدۇ. مۇزىكىسىدىمۇ ئالاھىدىلىك بار. قامال قىلىنغان مەيدان كۆرۈنۈشلىرى (مەسىلەن، دەرسخانا) نى ئىپادىلىگەندە مۇزىكا بېرىلمەيدۇ، ئانتونى ئۆيدە يالغۇز قالغاندا، كوچىغا چىققاندا مۇزىكا بېرىلىدۇ. ئۇ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ چىقىپ دېڭىز ساھىلىغا كەلگەن چاغدا، مۇزىكا قايتىدىن پەيدا بولۇپ ئەركىنلىكتىن بېشارەت بېرىدۇ. رېژىسسور مۇزىكا بىلەن سۈكۈتنى بىر قاتارغا قويۇشتىن پايدىلىنىپ، ئانتونىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. رېژىسسور تروففاۋت نەپىس ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى ئانتونىدىن ئىبارەت مۇشۇ رولغا مەركەزلەشتۈرگەن. مەسىلەن، تۇتقۇن ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىكى ئانتونىنىڭ كۆزىگە لىق ياش ئالغان ھالەتتە سىم تورلۇق دېرىزىدىن پارىژغا قارىغان كۆرۈنۈش، ئاتا - ئانىسى گەپ تالىشىۋاتقاندا بالىنىڭ چىرايىدىكى ئىنكاسى قاتارلىقلاردا ئاپپارات بالىنىڭ چىرايىغا قارىتىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى تاماشىبىنلارنى ئانتونىغا ھېسداشلىق قىلىشقا ھەتتا مۇشۇ رولنىڭ كەيپىياتىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئۈندەيدۇ. ئاخىرقى بىر بۆلەكتىكى ئانتونىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى سۈرەتكە ئالغاندا، رېژىسسور بىر قېتىمدىلا ئۇلاپ ئېلىنغان ئۇزۇن كۆرۈنۈش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ يان تەرەپتىن ئەگىشىپ سۈرەتكە ئالغان. بالا يېزا ئۆيلىرى، دالا، بوش قالغان ئۆيلەردىن ئۆتۈپ تاكى دېڭىز ساھىلىغا يېتىپ كەلگۈچە بىرمۇ دىئالوگ قوشۇلماي، پېرسوناژنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى راسا ۋايىگە يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار