UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولارپوتيومكىن» ناملىق پاراخوت»

پوتيومكىن» ناملىق پاراخوت»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار 1958 - يىلى بىلگىيىنىڭ پايتەختى برۇسسېلدا خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. فېستىۋالدا26 دۆلەتنىڭ117 نەپەر كىنو تارىخشۇناسىدىن تەشكىللەنگەن باھالاش كومىتېتى كىنو پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى12 فىلىمنى بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن تاللاپ چىقتى. «<پوتيومكىن> ناملىق پاراخوت»100 بېلەتكە ئېرىشىپ بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رېژىسسورى ئېيسېن ستېين رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىم1925 - يىلى ئىشلەنگەن. ئەينى چاغدا ئەمدىلا27 ياشقا كىرگەن ئېيسېن ستېين روسىيە1905 - يىل ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ئالتە - يەتتە ھەپتە ئىچىدىلا ئىشلەپ پۈتكۈزگەن. فىلىمدە1905 - يىل ئىنقىلابىدىكى پوتيومكىن پاراخوت قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەقە قايتا نامايان قىلىنغان. »پوتيومكىن« ناملىق پاراخوت چار پادىشاھ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى بولۇپ، ماتروسلار پۇراپ قالغان گۆشنىڭ شورپىسىنى ئىچىشنى رەت قىلىدۇ، چار پادىشاھ ئوفىتسېرلىرى ئۇلارنى قوراللىق باستۇرماقچى بولىدۇ. خورلۇققا چىداپ تۇرالمىغان ماتروسلار ۋالىنچۈكنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىدۇ، ۋالىنچۈك قۇربان بولىدۇ. ماتروسلار بىلەن شەھەر خەلقى ئودېسسادا قەھرىمانلار ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، چار پادىشاھ ئارمىيىسى ئۇلارنى ئوققا تۇتىدۇ … ئاخىرىدا، «پوتيومكىن» ناملىق پاراخوتتىكى ماتروسلارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، چار پادىشاھ قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن12 پاراخوت ئۇلارغا بىر تالمۇ ئوق ئاتمايدۇ، «پوتيومكىن» ناملىق پاراخوت دېڭىزغا قاراپ ئاستا - ئاستا ئۈزۈپ كېتىدۇ. بۇ كىنودا مونتاژ گۇرۇپپىلىرىنى ئۇلاش ۋە سۈرەتلىك ئوبراز يارىتىش ئۇسۇللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، فىلىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق كىنونى مىسلىسىز بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن چاغدا پالۇبىدىكى ئېلىشىش، دولقۇندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ئۈستىدىكى دەپنە مۇراسىمى، ئودېسسا پەلەمپىيىدىكى زور قىرغىنچىلىق قاتارلىق كاتتا كۆرۈنۈشلەر ھاياجانغا تولغان بولۇپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ. فىلىمدە مونتاژدىن قالتىس ياخشى پايدىلىنىلغان. بۇ فىلىم بەدىئىي جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقتىن، ئامېرىكا دۆلەتلىك كىنو كومىتېتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان، فرانسىيىمۇ ئۇنىڭغا ئېيسېن ستېين ئالتۇن مېدالى تەقدىم قىلغان. «<پوتيومكىن> ناملىق پاراخوت» تاكى بۈگۈنگە قەدەر پۈتۈن دۇنيا بويىچە ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
پوتيومكىن» ناملىق پاراخوت» | UyghurWiki | UyghurWiki