UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولاركالىگەرى دوكتور

كالىگەرى دوكتور

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار بۇ فىلىمنىڭ ئەسلىي ئىسمى «كالىگەرى دوكتورنىڭ ئۆيى» بولۇپ،1919 - يىلى گېرمانىيە چاقماق كىنو فىلىم شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن،1958 - يىلى برۇسسېل خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا تارىختىن بۇيانقى12 چوڭ فىلىمنىڭ بىرى دەپ باھالانغان. فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش، دېكوراتسىيە، گىرىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىچىلىك ئۇسلۇبى20 - يىللاردىن كېيىنكى غەرب كىنولىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. فىلىمدىكى ئاجايىپ - غارايىپ، غەلىتە ۋەقەلىكلەر ئاستىغا چوڭقۇر پەلسەپىۋى قائىدە يوشۇرۇنغان. كالىگەرى دوكتور يۈرۈش - تۇرۇشى سىرلىق گىپنوز (ئۇخلىتىش) ئۇستىسى، ئۇ، ياش تۇرۇپلا تۈن سەيلىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سايزارغا گىپنوزلۇق ئىشلىتىدۇ. كارنىۋال بايرىمىدا سايزار ئالدىن بىلەرمەنلىك بىلەن بىر يىگىتنى ئۆلىدۇ، دەيدۇ. نەتىجىدە ئۇ دېگەندەك ئىش يۈز بېرىدۇ. كېيىنچە، دوكتور يەنە بىر قىزنى تۇتقۇن قىلماقچى بولىدۇ، كىشىلەر ئۇنى قوغلاپ ساراڭلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن كالىگەرى دوكتور دەل مۇشۇ ساراڭلار دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، سايزارنى قوغلاپ يۈرگەنلەر دەل مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ بىمارلىرى بولۇپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلغان، كۈشكۈرتكەن جىنايەتچى بىردىنلا ئاقىلانە قوغدىغۇچى بولۇپ قالىدۇ. بۇ فىلىم دەل كېيىنكى ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىدۇر. گېرمانىيە خەلقىنىڭ گىتلېرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى سايزارنىڭ كالىگەرى تەرىپىدىن گىپىنوزلانغىنىغا تولىمۇ ئوخشايدۇ. فىلىمدە نۇرغۇنلىغان سىمۋوللۇق ھەمدە بىمەنىلىككە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىپادىچىلىك شەكلىنى قوللىنىپ، ۋەقەلىكتە خىيالىي دۇنيا ۋە ئەقلىدىن ئادىشىشتەك بىر خىل كەيپىيات مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، كالىگەرى دوكتورنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ كىچىك ئۆيى، ئەگرى - توقاي يوللار، يانتۇ قىيسايغان بىنالار كىشىگە نورمالسىز تۇيغۇ بەخش ئېتىپ، ۋەقەلىكنىڭ بىمەنىلىكى ۋە قورقۇنچلۇقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىپادىلىگەن. فىلىمنىڭ دېكوراتسىيىسىگە قىر - بۇرجەكلىرى ئېنىق چىققان گېئومېتىرىيىلىك سىزىقچىلار ئىشلىتىلگەن، ھەرقايسى پېرسوناژلار ئالىيېشىل، غەلىتە كىيىملەرنى كىيگەن، گىرىمى ناھايىتى مۇبالىغە قىلىنغان ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت - قىياپەتلىرى ئۆزگەرتىلمىگەن، ھەتتا ئاكتيورنى مىدىرلىغىلى قويماي قېتىپ قالغاندەك سۈرەتكە ئالغان. بەزى كۆرۈنۈشلەر سىمۋولىزمنى تولۇق ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، قىرلىق ۋە ئۈچبۇرجەك شەكىللىك نەقىشلەر سايزارغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تېگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان ئۇرۇشقاق مىجەزىدىن بېشارەت بەرگەن؛ قىزچاق تىك سىزىق ۋە ئەگرى سىزىقلار ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ خىل سىزىقلار ئۇنىڭ نەپىس ۋە نازۇكلۇقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
كالىگەرى دوكتور | UyghurWiki | UyghurWiki