UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولار«ئاخىرقى پادىشاھ»

«ئاخىرقى پادىشاھ»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار 1988 - يىل4 - ئاينىڭ11 - كۈنى ئامېرىكا ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى كومىتېتى مۇكاپات ئېلان قىلدى. بېرناردو بېرتولۇچ رېژىسسورلۇق قىلغان «ئاخىرقى پادىشاھ» بىر قېتىمدىلا ئەڭ ياخشى فىلىم، ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى ئۆزگەرتكۈچى سېنارىست، ئەڭ ياخشى سەنئەت يېتەكچىسى، ئەڭ ياخشى ئوپېراتور، ئەڭ ياخشى ئەسلىي مۇزىكا، ئەڭ ياخشى شاۋقۇن، ئەڭ ياخشى كىيىم لايىھىلىگۈچى قاتارلىق توققۇز تۈر بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ فىلىمنى جۇڭگو، ئىتالىيە، ئەنگلىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن،25 مىليون دوللار خىراجەت قىلىنغان. فىلىمدە جۇڭگو چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى فۇيىنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان، ۋەقەلىك سىشى تەيخۇ خانىشنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى، شۇەنتۇڭنىڭ تەختكە چىقىشىدىن باشلاپ تاكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگىچە يېزىلغان. بۇ جەرياندا شىنخەي ئىنقىلابى، شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى، قورچاق مانجۇرىيە، ياپونغا قارشى ئۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» قاتارلىق مۇھىم تارىخىي باسقۇچلار بايان قىلىنغان. جۇڭگو ئوردىسىدىكى بىر قاتار مۇرەككەپ، ھەشەمەتلىك مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتا ئىتالىيە ئوپېراسى شەكلىدە يارقىن بولۇش، مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئاخىرقى پادىشاھنىڭ پسىخىكىلىق مۇساپىسىگە قارىتا ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. «ئاخىرقى پادىشاھ» فىلىمىدە ئىنسان تەبىئىتى چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان ھالدا فۇيىنىڭ قانداق قىلىپ ئادەتتىكى ئادەمدىن «ئەۋلىيا» غا، كېيىن يەنە «ئەۋلىيا» دىن ئادەمگە ئۆزگەرگەنلىكى غەربلىك بىر ئادەمنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. فىلىمنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى فۇيىنىڭ توققۇز يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئەسلەشكە قارىتىلغان، جۈملىدىن، ئۇنىڭ ئىچكى زىددىيىتى، ئىنسان تەبىئىتىگە بولغان تەقەززالىقى، تاشقى دۇنياغا بولغان ئابستراكت ئىنتىلىشى ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى ئازابلىق ئىدىيىۋى كۈرىشى قاتلاملىق ھالدا نامايان قىلىنغان. فىلىمدە چىن، تەبىئىي بەدىئىي ئۈنۈمگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن، تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن سەلتەنەتلىك مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ئۆزئارا ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلگەن، تارىخىي ۋەقەلىكلەر بەكمۇ زىغىرلاپ بايان قىلىنمىغان. سىشى خانىشنىڭ ياتاقخانىسىدىكى بىرمۇنچە بۇتلار، بىر تەرەپتە تىك تۇرغان ئاغۋات، ئاران يېرىم ئەسىر ياشىغان چېكەتكە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مول سىمۋوللۇق مەنە بېرىدۇ. ئوردا قاراڭغۇ ھەم ھەشەمەتلىك. چېكەتكە گەرچە بەك كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ئۇ گويا تارىخنىڭ شاھىتى بولۇپ، بىر فېئودال خانىدانلىقنىڭ يىمىرىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. فىلىم جۇڭگودا سۈرەتكە ئېلىنغان، جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان ئاكتيورلار فىلىمدە زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن، چېن چۇڭ بىلەن زۇن لۇڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋەن رۇڭ بىلەن فۇيىنىڭ رولىنى ئالغان. فېستىۋالدا ئۈچ نەپەر كومپوزىتورنىڭ بىرى بولغان سۇ سۇڭ تۇنجى بولۇپ ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق سەنئەتكارغا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار