UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولار«پلانېتالار ئارا ئۇرۇش»

«پلانېتالار ئارا ئۇرۇش»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار 1977 - يىلى ئىشلەنگەن ئامېرىكا ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىمى «پلانېتالار ئارا ئۇرۇش» تا يىراقتىكى ساما يولى يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا يۈز بەرگەن ئاجايىپ بىر ھېكايە بايان قىلىنىدۇ: ئالۋاستى شاھ دامكىن ساما يولى ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، باشقا ھەرقانداق پلانېتادىكى ئاسىيلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىر «ئۆلۈك يۇلتۇز» ياساپ چىقىدۇ. ئالدىلان يۇلتۇزىدىكى مەلىكە لىيا ئوگانا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئاسىيلار دامكىننىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى چىقىپ مەغلۇپ بولغانلىقتىن «ئۆلۈك يۇلتۇز» غا قامىلىدۇ. دامكىنغا قارشى چىققۇچىلار ماشىنا ئادەمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن باشقا بىر پلانېتادىكى «جاھان كەزگۈچى» رۇك ۋە ساما يولى ئىمپېرىيىسىنىڭ پېشقەدەم چەۋەندازى ئوبۋان كاينونىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ساما يولى ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەلىكە لىيا ئوگانانى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ. «كۈچ» نى نامايان قىلغۇچى ئالەم ئىلاھىمۇ «ئۆلۈك يۇلتۇز» نى پارتلىتىۋېتىپ، مەلىكە لىيا ئوگانا بىلەن ئۇنىڭ ئاشىقىنى جەم قىلىدۇ. «پلانېتالار ئارا ئۇرۇش» نى ئامېرىكا20 - ئەسىر فوست شىركىتى ئىشلىگەن. سېنارىست ۋە رېژىسسور جورجى لۇكاس سېنارىيىنى ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۆت قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېزىپ پۈتكۈزگەن،10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئىككى يېرىم يىلدا سۈرەتكە ئالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى تاماشىبىنلارنى «رومانتىك، خىيالىي، چۆچەكلەردىكىدەك بىر دۇنيا» نى سۈرەتلەپ بېرىشتىن ئىبارەت. فىلىم ئامېرىكىدا قويۇلغاندا بىر مەزگىل داغدۇغا قوزغىغان، بېلەتتىن كىرگەن كىرىم ئامېرىكا كىنو تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا4000 غا يېقىن كوپىيە تارقىتىلغان. بۇ فىلىمنىڭ ئومۇمىي كىرىمى500 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىملەر ئىچىدىكى نادىر ئەسەر دەپ ئاتالغان ھەمدە غەرب ئەللىرىدە «ئىلمىي فانتازىيىگە قىزىقىش» دولقۇنىنى قوزغىۋەتكەن. بۇ فىلىم1977 - يىلى ئوسكار ئەڭ ياخشى سەنئەت يېتەكچىسى، ئەڭ ياخشى كىيىم لايىھىلىگۈچى، ئەڭ ياخشى شاۋقۇن، ئەڭ ياخشى كېسىپ ئۇلىغۇچى، ئەڭ ياخشى مۇزىكا، ئەڭ ياخشى كۆرۈش سېزىم ئۈنۈمى، شۇنىڭدەك ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە شۇ يىلى ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى فىلىملەرنىڭ بىرى، دەپ باھالانغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار