UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولاربىر دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى

بىر دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار ئامېرىكىنىڭ داڭلىق رېژىسسورى د. ۋ. گرىفېس1915 - يىلى ئىشلىگەن بۇ ئاۋازسىز فىلىم كىنو ماھارىتى جەھەتتە بىر قېتىملىق ئىنقىلابنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىنو تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ نادىر ئەسەرگە ئايلاندى. فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى ۋە قايتىدىن قۇرۇش مەزگىلى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان شىمالدىكى ستونمەن بىلەن جەنۇبتىكى كامېرون ئائىلىسىنىڭ بېرىش - كېلىشى ئارقىلىق، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىننىڭ نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغانلىقىدىن ئىبارەت زور تارىخىي تېما ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە لىنكولىننىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىقى، نېگىرلارنىڭ ھاياتى، كۇكلو - كىس - كلان پارتىيىسىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر ئارقىلىق نېگىرلارنى ئازاد قىلىش جەريانىدىكى تۈرلۈك ئەگرى - توقاي ۋەقەلەر سۈرەتلەپ بېرىلگەن. فىلىم قويۇق ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ۋەھشىي نېگىرلارنىڭ ئاق تەنلىكلەرنى كۆيدۈرگەن، ئۆلتۈرگەن ۋە نومۇسىغا تەگكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، ئاق تەنلىكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن باش كۆتۈرۈپ چىققان كۇكلو - كىس - كلان پارتىيىسىنىڭ زورلۇققا زورلۇق بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىمۇ ئىپادىلەنگەن. شۇڭا، بۇ فىلىم1915 - يىل2 - ئاينىڭ8 - كۈنى تۇنجى قېتىم قويۇلغاندىن باشلاپ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ھەتتا بەزى شەھەرلەردە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغان. بۇ، دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ كۆرۈنۈش ئاساسىي تەركىب قىلىنغان ئۇزۇن ھېكايە فىلىم. رېژىسسور گرىفېس پېرسوناژ ئوبرازىنى كىنو بىلەنلا يارىتىپ قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن كىنو ماھارەتلىرىنى، يەنى تۇيۇقسىز يۆتكەش، سۆرەپ كىرىش، تەڭداش كۆرۈنۈش، كۆرۈنۈشنىڭ ئىچكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تۈز ماڭغان ۋە گىرەلەشكەن مونتاژ قاتارلىقلارنى ئىجادىي ئىشلەتكەن. قويۇش ۋاقتى ئۈچ سائەتكە يېتىدىغان بۇ كاتتا فىلىمنىڭ ئەمەلىي سۈرەتكە ئېلىنىشىغا ئاران توققۇز ھەپتە سەرپ قىلىنغان. فىلىمدە، رېژىسسورنىڭ ئالاھىدە تالانتى ئىشقا سېلىنغان.1946 - يىلىغا كەلگەندە بۇ فىلىمنىڭ تاماشىبىنلىرى200 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ فىلىم تاكى ھازىرغىچە بېلەت سېتىلىش قىممىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
بىر دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki