«ۋېلىسىپىت ئوغرىسى»
دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
1949 - يىلى ئىشلەنگەن بۇ فىلىم ئىتالىيە يېڭى رېئالىزم كىنو ھەرىكىتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەردۇر.2
- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ ئىقتىسادى خارابلىشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغانىدى. ئىتالىيىدىكى بىر تۈركۈم رېژىسسورلار ئامېرىكىدىكى ھوللېۋودنىڭ «خىيال زاۋۇتى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى رېئالىزم كىنو ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ئىتالىيىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىپادىلەشكە، يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۇلار دائىم ئاكتيورلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللانمىغان كىشىلەرنى ئىشلىتىش، سىرتقى كۆرۈنۈشتە سۈرەتكە ئېلىش، تەبىئىي نۇر ئىشلىتىشكە ئامراق ئىدى. رەڭ جەھەتتە، تېمىغا زىچ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن غۇۋا ئۈنۈمنى قوغلىشاتتى.
فىلىم ۋەقەلىكى قۇياش نۇرى ئىللىتقان بىر جۈمە كۈنى يۈز بېرىدۇ. رىمدا ئولتۇرۇشلۇق ئىشسىز قالغان ئىشچى لېيزى ئېلان چاپلايدىغان بىر خىزمەتنى مىڭ تەسلىكتە تاپىدۇ. ئۇ خۇشاللىقىدا ئۆيىگە كېلىدۇ - دە، ئەدىيالنى گۆرۈخانىغا ئاپىرىپ ۋېلىسىپىتىنى ياندۇرۇۋالىدۇ. چۈنكى، ئېلان چاپلاشقا ۋېلىسىپىت بولمىسا بولمايتتى. بىرنەچچە كۈن ئۆتمەيلا ۋېلىسىپىتىنى بىرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. لېيزى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچىمۇكوچا ئىزدەيدۇ. كۆرۈنۈشتىكى ئەركىن بازار، چېركاۋ، چوڭ يوللار غۇۋا كۆرۈنۈپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىگە بىر خىل سوغۇق كەيپىيات بېغىشلايدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەردە رېژىسسور ئاپپاراتنى مۇقىم ئورۇندا تۇرغۇزۇپ سۈرەتكە ئېلىش، ئاستا - ئاستا يۆتكەپ سۈرەتكە ئېلىش ۋە ئوڭ - سولغا قارىتىپ سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان. ئۇنىڭغا يەنە يېقىمسىز مۇزىكا قوشۇش ئارقىلىق ئاتا - بالىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىزتىراپلىق ھېسسىياتىنى تەبىئىي ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاخىرىدا، لېيزى ئوغرىنى ئىزدەپ تاپىدۇ، ئەمما ۋېلىسىپىتىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. لېيزى ئامالسىز باشقىلارنىڭ ۋېلىسىپىتىنى ئوغرىلايدۇ، ئەمما تۇتۇلۇپ قېلىپ دۇمبا يەيدۇ. بالىسى ئادەملەر توپىغا قىستىلىپ كىرىپ ماكچىيىپ قالغان شىلەپىنى دادىسىغا سۇنىدۇ. ئاندىن ئۇلار قول تۇتۇشۇپ ئادەملەر توپى ئارىسىدا كۆزدىن غايىب بولىدۇ…
رېژىسسور ۋىتورىئو دې. سىيكا بۇ فىلىمگە ئېيسىن ستېيىنچە مونتاژ كېسىپ ئۇلاش تېخنىكا قائىدىسىنى قوللانمىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسىنىمۇ ئىشلەتمىگەن. فىلىمدە ئويلىمىغان يەردىن پەيدا بولىدىغان ئاپپارات ھەرىكەتلىرى يوق، ئۇنىڭدا ۋېلىسچە «چاقماقتەك بىرلەشتۈرۈش» ئۇسۇللىرىمۇ ئۇچرىمايدۇ. رېژىسسور بۇنىڭدا ئۇزۇن سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىنىلا قوللىنىپ، بەئەينى تۇرمۇشتەك داۋاملىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن خاتىرىلىگەن. ۋىتورىئو دې. سىيكانىڭ قارىشىچە، فىلىمنىڭ ئۆزى رېئاللىق، تۇرمۇشنى ياساشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما رېئاللىق بىرلا خىل ۋە قاتمال ئەمەس، سەنئەتكارنىڭ ۋەزىپىسى تاماشىبىنلارنى ئويغا سېلىش، ئۇلارغا ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ تەمىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
دې. سىيكا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكلىگەن، كەسىپ ئەھلى بولمىغان ئىككى نەپەر ئاكتيور (ئاتا بىلەن بالىنىڭ رولىنى كەسپىي ئاكتيورلار ئالمىغان) فىلىمدە رولنى قالتىس تەبىئىي ئورۇنداپ رېژىسسورنىڭ يېڭى رېئالىزملىق قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.