UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى داڭلىق كىنولار«قىزىل قوناقلىقتا»

«قىزىل قوناقلىقتا»

دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «قىزىل قوناقلىقتا» 1988 - يىلى38 - نۆۋەتلىك غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ئالىي مۇكاپات − «ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. بۇ، جۇڭگو فىلىمىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتلىنىشىدۇر. «قىزىل قوناقلىقتا» فىلىمى سەھرا پۇرىقى قويۇق، رومانتىك تۈسكە تولغان بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ، نەۋرىسىنىڭ تىلى ئارقىلىق «بوۋىسى» بىلەن «مومىسى» نىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىتىدۇ.19 ياشلىق جيۇ ئېر (مومام) بىر قېچىرنىڭ بەدىلىگە شېبالىپودىكى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋايغا ياتلىق قىلىنىدۇ. قىزنى يۆتكەپ كېتىۋاتقاندا، تەختىراۋان كۆتۈرگەنلەر سەھرا ئادىتى بويىچە تەختىراۋاننى ئېگىز - پەس سىلكىپ كېلىننى قورقۇتۇپ ئوينايدۇ. ئۇلار مېڭىپ چىڭشاكۇدىكى ياۋا قوناقلىققا كەلگەندە، تەختىراۋاننىڭ ئالدىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان يۈجەنئاۋ (»بوۋام«) نىقابلانغان قاراقچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، يۈجەنئاۋ قوناقلىقتا جيۇ ئېر بىلەن ئەر - خوتۇن بولۇشىدۇ. توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ياپون ئالۋاستىلىرى شېبالىپوغا بېسىپ كىرىپ، يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى لوخەن تاغىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. يۈجەنئاۋ ھاراقخانىدىكى بۇرادەرلىرى بىلەن قەسەمياد قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان پارتلىتىش دورىسى ۋە ھاراق بىلەن ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ ھەربىي ماشىنىلىرىنى پارتلىتىپ، لوخەن تاغىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ. ئەنە شۇ جىددىي جەڭدە، «مومام» − جيۇ ئېرنى ياپون ئالۋاستىلىرى ئېتىۋېتىدۇ، بۇرادەرلىرىمۇ ساق قالمايدۇ، پەقەت «بوۋام» يۈجەنئاۋ بىلەن «دادام» لا ھايات قالىدۇ. فىلىمدە، رېژىسسور جاڭ يىمو ھەم ھۇزۇر بېرىدىغان، ھەم پەلسەپىۋىلىككە تولغان بەدىئىي كەيپىياتنى قوغلاشقان. «تەختىراۋاننى سىلكىش»، «ھاراق ئىلاھىغا باش ئۇرۇش» قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ھەيۋەتلىك، قىزغىن ۋە جۇشقۇن چىققان. چەكسىز كەتكەن قوناقلىق گاھ شامالدا دولقۇنلىنىپ، گاھ ئاپتاپتا پارقىراپ، سېرىق نۇر چاچىدۇ، گاھ سۇناي ساداسىغا تەڭكەش بولۇپ تەۋرىنىدۇ. ئەتراپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، كىشىگە روھ - مەدەت بېغىشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
«قىزىل قوناقلىقتا» | UyghurWiki | UyghurWiki