»ياۋا بۆلجۈرگەن«
دۇنيادىكى داڭلىق كىنولار
شۋېتسىيىلىك رېژىسسور ئىنگمار بېرگمان1957 - يىلى ئىشلىگەن «ياۋا بۆلجۈرگەن»، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك پروفېسسورى ئىساك بورگنىڭ ھاياتلىققا بولغان ئەسلىمىسىنى ئىپادىلەپ، مۇھەببەت بىلەن ئۆلۈم، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن، خىيال بىلەن رېئاللىقنى بىر - بىرىگە باغلاپ، ھازىرقى زامان غەرب ئەللىرى جەمئىيىتىدىكى بىر پېشقەدەم زىيالىينىڭ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى ئۆزگىچە بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئېچىپ بەرگەن. بۇ فىلىم غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «ئاڭ ئېقىمى» دىكى نادىر ئەسەر، دەپ تەرىپلەنگەن.
بېرگمان ئىككى تال يىپ ئۇچىدىن پايدىلانغان. ئۇ، ياش قەھرىماننىڭ كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى بىلەن ئويلىغانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىككى سائەتلىك فىلىمدە باش قەھرىماننىڭ شۇنچە ئۇزاق يىللىق ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
دوكتور بورگ پەخرىي دوكتور ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن لۇند شەھىرىگە ماڭغاندا، كېلىنى مارىئانا شۇ ماشىنىدا بىللە يولغا چىقىدۇ. بورگ سەپەر جەريانىدا خىلمۇخىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۆزىگە تونۇش بولغان جايلارنى قايتىدىن زىيارەت قىلىدۇ. يول بويى توختىماي خىيال سۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا بۇرۇنقى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بۆلجۈرگەنلىك، ئامراق سىڭلىسى سارا، ئۆلۈپ كەتكەن خوتۇنى پەيدا بولىدۇ؛ بىر پروفېسسور: «سەن يالغۇزلۇق جازاسىنى تارتىسەن …» دەپ ئېلان قىلىدۇ. فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ بايان قىلىنىشى پېرسوناژ پىكىر - خىيالىنىڭ مېڭىش جەريانى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
«ياۋا بۆلجۈرگەن» بەدىئىي جەھەتتە يۇقىرى نەتىجە ۋە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ بورگنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش مۇساپىسىنى مېرىدىئان؛ ئۇنىڭ چۈشى، خىيالى، تەسەۋۋۇرى قاتارلىق ئىچكى ئوي مۇساپىسىنى پاراللېل قىلغان ھالدا ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ چەك - چېگراسىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بايان قىلىش شەكلى جەھەتتە، ئەدەبىياتتىكى «ئاڭ ئېقىمى» ئۇسۇلىنى تۇنجى بولۇپ ئېكرانغا ئەكىرگەن. جۈملىدىن خىيال، ئەسلىمە بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ بىر خىل ئالاھىدە قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرگەن. بېرگمان بۇرۇنقى كىنولاردا مۇقىملىشىپ قالغان بايان قىلىش شەكلىگە قانائەت قىلمىغان. ئۇ ئادەملەرنى ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇقتىسى بويىچە قايتىدىن بايقاشنى تەكىتلىگەن، شۇڭا فىلىمنىڭ بەدىئىي نۇقتىسىنى ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىغا قاراتقان. مۇنداق بولغاندا، فىلىم ۋەقەلىكىنى بايان قىلىشنىڭ تۈرتكىسى تاشقى ھەرىكەتتىن ئەمەس، بەلكى باش قەھرىماننىڭ قەلبىدىكى ئاڭ ۋە ھېسسىياتتىن كېلىدۇ. »ياۋا بۆلجۈرگەن« دىكى بەدىئىي ئىزدىنىش كىنو گۈزەل سەنئىتىدە بىر قېتىملىق زور بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بېرگماننى ئەنئەنىۋى كىنو بىلەن ھازىرقى زامان كىنولىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل قىلىش ئارقىلىق، كىنولارنى «بېرگماندىن بۇرۇنقى» ياكى «بېرگماندىن كېيىنكى» كىنو دەپ ئاتىماقتا.