UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللاركولون تاقىم ئاراللىرى

كولون تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى ئاراللار كولون تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەسلىي ئىسمى گالاپاكوس تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان، ئۇ16 چوڭ ئارال ۋە نۇرغۇن كىچىك ئاراللار بىلەن خادا تاشلاردىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي كۆلىمى7976 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئارال ئۇنىڭ شەرقىگە1000 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېكۋادور دۆلىتىگە تەۋە. كولون تاقىم ئاراللىرى يانار تاغلارنىڭ ئېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئارالدا تىك تاغ قىيالىرى ۋە ۋولقان كونۇسى كەڭ تارقالغان. بۇ جايدا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرگە بەكرەك غەلىتە تۇيۇلىدىغىنى چوڭ دېڭىز تاشپاقىسىدۇر. بۇ خىل تاشپاقا ئۇزۇنلۇقى1 مېتىر، ئېغىرلىقى200 كىلوگرامغا يەتكۈچە يوغىنالايدۇ، دۈمبىسىدە بىر - ئىككى ئادەمنى ئېلىپ ماڭالايدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەزى بەكمۇ مۇلايىم بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئالىقانسىمان كاكتۇسنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.1535 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەر تۇنجى بولۇپ بۇ ئارالغا كەلگەن ھەمدە ئارالنىڭ ھەممىلا يېرىدە بۇنداق دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، بۇ ئارالنى «گالاپاكوس» دەپ ئاتىغان، ئۇ «تاشپاقا ئارىلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چوڭ كەسلۈنچۈكمۇ بۇ ئارالدىكى ئالاھىدە ھايۋانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ھەم قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغىنى، ھەم دېڭىزدا ياشايدىغىنى بار، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغانلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مېتىردىن ئاشىدۇ؛ دېڭىزدا ياشايدىغانلىرىنىڭ سانى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغانلىرىنىڭكىدىن كۆپ، بەدىنىمۇ چوڭ، قارامتۇل كۈل رەڭ كەلگەن بەدىنىنىڭ كەينىدە ناھايىتى ئۇزۇن قۇيرۇقى بار، شەكلى دىنوزاۋۇرغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنداق چوڭ كەسلەنچۇكنىڭ ئەجدادى مېزوزوي ئېراسىدا پەيدا بولغانىكەن، بۇ خىل كەسلۈنچۇكلەرنى ھازىر پەقەت كولون تاقىم ئاراللىرىدىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئېكۋاتورغا يېقىن بولغان بۇ تاقىم ئارالدا يەنە قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان قۇتۇپ رايونىدىلا ياشايدىغان پىنگۋىن، ئالباتروس قۇشى، دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق ھايۋانلارمۇ ياشايدۇ. بۇ قانداق ئىش؟ ئەسلىدە قۇتۇپ رايونىدىن كېلىدىغان پېرۇ سوغۇق ئېقىمى بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن تاقىم ئارال سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تېمپېراتۇرىسى روشەن ھالدا تۆۋەنلەپ ھەم قۇرغاق، ھەم سالقىن بولغان ئىقلىم شەكىللىنىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز رايونىدىن سوغۇق ئېقىم بىلەن بىللە كەلگەن پىنگۋىن ۋە دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق «ساياھەتچىلەر» مۇ بۇ يەردە ماكانلىشىپ قالىدۇ.1835 - يىلى9 - ئايدا دارۋىن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەكشۈرۈش پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ بۇ ئارالغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ يەردىكى ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزگەرگەنلىكىنى، مەسىلەن، ھەرقايسى ئاراللاردا ياشاۋاتقان ئوخشاش بىر تۈردىكى قۇشلار بىلەن دېڭىز تاشپاقىلىرىنىڭ شەكلى ۋە ياشاش ئادىتىدە ئوخشاشماسلىق بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن تەبىئەتنىڭمۇ تۈرلەرگە قارىتا تاللاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تۇنۇغان ھەمدە «ماسلىشالايدىغانلار ھايات قالىدۇ» دېگەن تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزىرىنى كۈچلۈك دەلىل - ئىسپاتقا ئىگە قىلغان. كېيىن كىشىلەر دارۋىننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ ئارالغا دارۋىننىڭ مىس ھەيكىلىنى تىكلىگەن، شۇنداقلا جانلىقلارنى كۆزىتىش پونكىتى قۇرغان، بۇ ئارال يەنە«تىرىك جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مۇزېيى» دەپ ئاتالغان. كولون تاقىم ئاراللىرىدىن باشقا، ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان ئالدابرا ئارىلىمۇ دۇنياغا مەشھۇر تاشپاقا ئارىلىدۇر. ئۇ ئارالدا تەخمىنەن150 مىڭ ئەتراپىدا چوڭ دېڭىز تاشپاقىسى (پىل تاشپاقىسى) ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى2 مېتىر كېلىدۇ، بەدىنىنىڭ ئېغىرلىقى200 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار