UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللارچوڭ باھاما ئارىلى

چوڭ باھاما ئارىلى

دۇنيادىكى ئاراللار چوڭ باھاما ئارىلى غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى باھاما فېدېراتسىيىسىنىڭ تۆتىنچى چوڭ ئارىلى بولۇپ، باھاما تاقىم ئارىلىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان. غەربى قىسمى ئا ق ش نىڭ فلورىدا يېرىم ئارىلىغا تەخمىنەن96 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى12 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى24 كىلومېتىر، كۆلىمى1373 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەس ھەم تەكشى، ئىقلىمى ئىللىق بولۇپ، ھەممە يېرى بۈك - باراقسان قارىغايلىق، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، مەشھۇر دەم ئېلىش ۋە ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز ساھىلى تەكشى ھەم پاكىز قۇملۇق بولۇپ، قۇملۇققا ساياھەتچىلەرنىڭ سايىدىشى ۋە دەم ئېلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن سايىۋەنلەر ياسالغان. بۇ جاي شاۋقۇن - سۈرەنلىك شەھەردىن ناھايىتى يىراق بولغاچقا، مۇھىتى ئىنتايىن تىنچ، راھەت بولۇپ، كىشىگە تولىمۇ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. چوڭ باھاما ئارىلىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا «ئوتلۇق كۆل» نىڭ بولغانلىقىدا. بۇنداق كۆللەردە كىشىلەر كېچىسى قولۋاق سەيلىسى قىلغاندا، كېمە پالىقىدىن چاچراپ چىقىۋاتقان ئوت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كېمىنىڭ ئارقىسىدا ئۇزۇنىغا سوزۇلغان «ئوت ئەجدىھاسى» ھاسىل بولىدۇ. بەزىدە سۇ ئۈستىگە ئېتىلىپ چىققان بېلىقنىڭ بەدىنىدىنمۇ پارقىراپ تۇرغان ئوت ئۇچقۇنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئوتلۇق كۆلدىكى «ئوت» نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە، «ئوتلۇق كۆل» دە تەركىبىدە يالتىراق فېرمېنت بولغان يۈسۈن كۆپ مىقداردا ئۆسكەن بولۇپ، سۇ چاچرىغاندا يۈسۈن تەركىبىدىكى يالتىراق فېرمېنت ئوكسىدلىنىپ رەڭگارەڭ «ئوت ئۇچقۇنى» چىقىرىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار