UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللارگرېنلاندىيە ئارىلى

گرېنلاندىيە ئارىلى

دۇنيادىكى ئاراللار «گرېنلاندىيە» دېگەن سۆز «يېشىل رەڭلىك يەر» دېگەن مەنىدە. بىراق ئۇ بىر ئاپئاق قار - مۇز دۇنياسى بولۇپ، ئۇنىڭ %85 يېرىنى قېلىن قار - مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. قار - مۇزنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى1515 مېتىر بولۇپ، ئەڭ قېلىن جايى3410 مېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئانتاراكتىدا قىتئەسىدىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ مۇز ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى مۇزنىڭ ھەجىمى2 مىليون600 مىڭ كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەگەر بۇ مۇزنىڭ ھەممىسى ئېرىسە، ئۇنىڭ سۈيى دۇنيادىكى قۇرۇقلۇق ئارىسىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ دېڭىز − ئوتتۇرا دېڭىزغا لىق كېلىدۇ؛ ئەگەر ھەممىسى دېڭىز - ئوكيانغا قۇيۇلسا، پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكياننىڭ سۇ ئورنى يەنە5 .6 مېتىر كۆتۈرۈلىدۇ. گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ5 /4 قىسمى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىگە جايلاشقان. ئەڭ شىمالىي ئۇچىدىكى موررىس - جېسۇپ تۇمشۇقىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران707 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ يەر شارىدىكى شىمالىي قۇتۇپقا ئەڭ يېقىن قۇرۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئارالنىڭ ئىقلىمى ئىنتايىن سوغۇق، نورمالسىز بولۇپ، دائىم شىۋىرغان چىقىپ تۇرىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدە يەنە دائىم قۇتۇپ كۈندۈزى ۋە قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى10 - ئاي كېلىشى بىلەنلا ئارالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچىگە قەدەم قويىدۇ. يەنى ئۇدا بەش ئاي ئاسماندا قۇياشنى كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئاي بىلەن يۇلتۇزلارلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى يىلى3 - ئايدىن باشلاپ قۇياش كۆرۈنىدۇ. گەرچە4 - ئايدىن9 - ئايغىچە كۈن بويى قۇياش كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈش ئېگىزلىكى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، پەقەت ئۇپۇق سىزىقى ئەتراپىدىلا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، شۇڭا گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ قۇياشتىن ئىگە بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن ئاز. ئارالدا پەقەت قارلا ياغىدۇ، يامغۇر ياغمايدۇ، قار يىل بويى ئېرىمەي توپلىنىپ، بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئاستا - ئاستا بېسىلىپ مۇزنى، ئاخىردا زور مۇز قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن. گرېنلاندىيە گەرچە قار - مۇزلار دۇنياسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جانسىزلار دۇنياسى ئەمەس. ياز پەسلى دېڭىز قىرغىقى بەلۋېغىدا ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ، يېشىللىق پەيدا بولىدۇ، ئارالدا شىمال بۇغىسى، قۇتۇپ ئېيىقى، شىمالىي قۇتۇپ تۈلكىسى ۋە دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق ھايۋانلار بار. يېقىن دېڭىزلىرىدا يەنە كىت، يوغانباش ترېسكا بېلىقى، ساردىن بېلىقى بار. پۈتۈن ئارالدا50 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېسكىموسلار بىلەن شىمالىي ياۋروپالىقلارنىڭ ئارىلاش ئىرقىدۇر. گرېنلاندىيىنىڭ %90 تىن كۆپرەك ئاھالىسى بىرقەدەر ئىللىق كەلگەن غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقى بەلۋېغىغا ئولتۇراقلاشقان. ئارالدىكى ئاھالىنىڭ50 مىڭدىن كۆپرەكى ئىت باقىدۇ. ئۇلار ئىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئوۋ ئوۋلايدۇ، ئىت سۆرىگەن چانىلارغا ئولتۇرۇپ، قار - مۇز مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئارال − گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ كۆلىمى2 مىليون176 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئارال − تەيۋەن ئارىلىدىن60 ھەسسە چوڭ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار