UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللارئىسلاندىيە ئارىلى

ئىسلاندىيە ئارىلى

دۇنيادىكى ئاراللار ئادەتتە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا، ئىسلاندىيە ئارىلى يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئارال دۆلەت، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر مۇز ۋە ئوت دۇنياسىدىن ئىبارەت. ئىسلاندىيە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت، ئۇ شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە يېقىن بولغاچقا ئىقلىمى ئىنتايىن سوغۇق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃5 قىمۇ يەتمەيدۇ، ئارالنىڭ % 13 يېرىنى يىل بويى قار - مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بىراق ئىسلاندىيە ئارىلى يەنە بىر جەھەتتىن ئوتتەك ئىسسىق ئارال ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇ پۈتۈن يەر شارىدىكى يانار تاغ ھەرىكىتى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، تەخمىنەن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم يانار تاغ شىددەتلىك پارتلاپ تۇرىدۇ، ئېتىلىپ چىققان لاۋا ئارالدا لاۋا ئېقىنىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ يەردىكى نۇرغۇن ئېگىز تاغ ۋە تۈزلەڭلىكلەر يانار تاغلاردىن ئېتىلىپ چىققان لاۋىلارنىڭ قېتىشىشىدىن ھاسىل بولغان. مۇزلۇق بىلەن لاۋا ئېقىنى رايونى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن ئارال ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ10 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئىسلاندىيە ئارىلىدا ئارىشاڭلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، چوڭ - كىچىك ئارىشاڭ200 دىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، بەزىلىرىدە يۇيۇنۇشقا بولىدۇ، بەزىلىرىدە تاماق ئېتىشكە بولىدۇ، ياڭيۇ ۋە تۇخۇمنى ئارىشاڭ سۈيىگە سالسىڭىز بىردەمدىلا پىشىدۇ، بەزى ئارىشاڭلار قەرەللىك ئارىشاڭلاردىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ قەرەللىك ئارىشاڭ «گېزىر» ئارىشىڭى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى «قىسىلسا سۇ چىقىدۇ» ياكى «ئاسمانغا ئېتىلىپ چىقىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. ئۇ ھەر ئالتە سائەتتە بىر قېتىم ئېتىلىپ چىقىدۇ ھەم بەش مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. فونتان ئېگىزلىكى70 مېتىرغا يېتىدۇ. ئەڭ پەس بولغاندىمۇ24 مېتىرغا يېتىدۇ. قار - مۇزلار بىلەن قاپلانغان بۇ دۆلەتتە نېمە ئۈچۈن بۇنداق كۆپ ئارىشاڭ شەكىللىنىدۇ؟ ئەسلىدە بۇ يەردە يانار تاغ دائىم پارتلاپ تۇرغاچقا، يەر ئاستىدىكى تېخى تامامەن قېتىشىپ كەتمىگەن لاۋا يەر ئاستى سۈيىنى قىزدۇرۇۋەتكەن، بۇ قىزىق سۇلار يەر قاتلاملىرىدىكى يوچۇقلاردىن ئۆرلەپ چىقىپ، نۇرغۇن ئارىشاڭلارنى شەكىللەندۈرگەن. ئىسلاندىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى رېيكياۋىك، ئۇ «ئىس چىقىپ تۇرىدىغان شەھەر» دېگەن مەنىدە، ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىن چىققىنى ئىس بولماستىن، بەلكى ئارىشاڭدىن چىققان سۇ ھورىنىڭ ئۇيۇشۇشىدىن ھاسىل بولغان تۇماندىن ئىبارەت. رېيكياۋىك شەھەر ئاھالىسى تاماق ئېتىش ۋە ئىسسىنىشتا ئوتۇن، كۆمۈر قالىمايدۇ، بەلكى تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئىسسىق سۇ بىلەن پارغا تايىنىدۇ. شۇڭا، رېيكياۋىك شەھىرى دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان «ئىسسىز شەھەر» دۇر. كىشىلەر يەنە يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدۇ، مېۋە ۋە كۆكتات يېتىشتۈرىدۇ. گەرچە سىرتتا قارلار ئۇچقۇنداپ، جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن كىشىلەر پارنىك ئىچىدە ئۆزلىرىنى خۇددى تروپىك بەلۋاغدىكى دۆلەتتە تۇرغاندەك ھېس قىلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار
ئىسلاندىيە ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki