كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى
دۇنيادىكى ئاراللار
كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي قىسمىدا بولۇپ، ئۇ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن پاراللېل جايلاشقان، ئۇ خۇددى بىر ئۇزۇن خەنجەر تىنچ ئوكيانغا سانجىلىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچ تەرىپى كالىفورنىيە قولتۇقى، سىرتى بولسا دولقۇنلاپ تۇرغان تىنچ ئوكياندىن ئىبارەت، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1300 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى220 كىلومېتىر، ئەڭ تار جايى ئاران40 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بويىچە قارىغاندا، كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلى، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى ۋە ھىندىستان يېرىم ئارىلىدەك ئۇزۇن ئەمەس، بىراق ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى بويىچە قارىغاندا، كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى دۇنيادىكى ئەڭ تار ھەم ئۇزۇنچاق يېرىم ئارال ھېسابلىنىدۇ.
كالىفورنىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى143 مىڭ700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتە كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى مېكسىكا دۆلىتىگە تەۋە. شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە تۈزلەڭلىكلەر جايلىشىشتەك يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە.