جياۋلاداۋ ئارىلى
دۇنيادىكى ئاراللار
جۇڭگودىكى لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى لۈشۇن پورتىدىن غەربىي شىمالغا قاراپ25 دېڭىز مىلى كېلىدىغان بىپايان دېڭىزدا بىر ياپيېشىل كەلگەن كىچىك ئارال بار. بۇ يەرگە ئادەمزات ئاياغ باسمىغان بولۇپ، ئۇ بىر چاريىلان پادىشاھلىقىدىن ئىبارەت.
يىلان ئارىلى جياۋلاداۋ ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ، شۇ يەرلىك ئادەملەر «بوغما يىلان تېغى ئارىلى» ياكى «كىچىك ئەجدىھا تېغى ئارىلى» دەپ ئاتايدۇ. ئارالنىڭ ئۇزۇنلۇقى1360 مېتىر، كەڭلىكى730 مېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى1 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ. ئارالغا ئېگىز - پەس كەلگەن كىچىك تاغلار تارقالغان، ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئاران215 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جاينىڭ ياز پەسلى بەك ئىسسىق بولمايدۇ، قىش پەسلىمۇ ئانچە بەك سوغۇق بولمايدۇ، تاغ ئارىلىرى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ ۋە ياۋا ئوت - چۆپ بىلەن قاپلانغان. ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ناھايىتى كۆپ پەسىل قۇشلىرى بۇ يەرگە كېلىدۇ. ئارالدىكى تاش يېرىقلىرى ۋە ئۆڭكۈرلەردە10 مىڭدىن ئارتۇق چار يىلان ياشايدۇ.
ئادەتتە چار يىلاننىڭ ئۇزۇنلۇقى60 -70 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇنلىرىنىڭ90 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ. بىر يۈرۈش مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بەدىنى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە، ئۇ تاغ جىنسىنىڭ ئۈستىگە چىقسا خۇددى تاشنىڭ يېرىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ، دەرەخ ئۈستىگە چىقسا، قۇرۇپ قالغان دەرەخ شېخىغا ئوخشاپ قالىدۇ. مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۇلار يەنە قىشلىق ئۈچەككىمۇ (قىشلىق ئۇيقۇغا)، يازلىق ئۈچەككىمۇ كىرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. ئارالنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى
℃5 تىن ℃9 قىچە بولغاندا ئۇلار ئۇۋىسىدىن چىقىپ، پاقا، چاشقان ۋە قۇش قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. شۇڭا بۇنداق كىچىك ھايۋانلارنىڭ ئارالدا ياشىمىقى ئىنتايىن تەس، پەسىل قۇشلىرى چار يىلاننىڭ ئاساسلىق ئۇۋۇلاش ئوبيېكتىدۇر.
بۇ يىلان ئارىلى1957 - يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بايقالغان. كىشىلەر بۇ يەردە نۇرغۇن قورقۇنۇشلۇق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن. چار يىلان يېمەكلىك ئىزدىگەندە، بەدىنىنىڭ ئاستى تەرىپى خۇددى بېسىلغان پۇرژىنىدەك ئېگىلىپ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە كەلگەن باش قىسمى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئوۋ نىشانى بايقالغان ھامان، يىلاننىڭ باش قىسمى خۇددى ئوقيادەك نىشانغا ئېتىلىدۇ. ئۇنىڭغا يېقىنراق تۇرغان قۇشلار بۇنداق ئۇشتۇمتۇت قىلىنغان ھۇجۇمدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
بۈركۈت بىلەن يىلاننىڭ ئېلىشىشى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. ئېگىز ئاسماندا ئەگىپ يۈرگەن بۈركۈتنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن چار يىلان ھەرقانچە نىقابلانسىمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ، بۈركۈت يىلاننى بايقىغان ھامان ئاسماندىن شۇڭغۇپ چۈشۈپ، يىلاننىڭ ئەجەللىك يېرىنى چوقۇيدۇ، يىلان دۈشمىنىنى سەزگەن ھامان قايتۇرما زەربىگە ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھايات - ماماتى ئۇلار ئارىسىدا كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئېلىپ بېرىلىدىغان جەڭگە باغلىق.
چار يىلاننىڭ زەھەرلىك سۇيۇقلۇقى، ئۆتى، گۆشى، تېرىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دورا ماتېرىيالى قىلىنىدۇ، ئۇ بىر قىممەتلىك ياۋايى ھايۋان بايلىقىدۇر. يىلان ئارىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.