چىنچا تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى ئاراللار
چىنچا تاقىم ئاراللىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرۇنىڭ «قۇشلار ئارىلى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يەردىكى بىر كىچىك ئارالدا6 مىليوندىن ئارتۇق دېڭىز قۇشى ياشايدىكەن. بۇ دېڭىز قۇشلىرى ھەر كۈنى يەيدىغان بېلىق بىلەن راك1000 توننىغا يېتىدىكەن. قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى دېڭىز دولقۇنىنىڭ شاۋقۇنلىغان ئاۋازلىرىغا قوشۇلۇپ رىتىملىق كەلگەن، ھەيۋەتلىك «تەبىئەت سىمفونىيىسى» نى ھاسىل قىلغان. بۇ دېڭىز قۇشلىرىنىڭ پەيلىرى ئىنتايىن گۈزەل، رەڭگارەڭ بولۇپ، ھەممە يەرنى قاپلاپ بەكمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئارالدا دېڭىز قۇشلىرى بەك كۆپ بولغاچقا قۇش ماياقلىرى دۆۋىلىنىپ، تەبىئىي ئوغۇت زاۋۇتىغا ئايلانغان، بۇ جايدىن ھەر يىلى100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئوغۇت ئېلىشقا بولىدۇ. پېرۇ ھۆكۈمىتى بۇ قۇشلار ماكانىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرمەكتە.
چىنچا تاقىم ئاراللىرىدىن باشقا، ھىندى ئوكياندىكى سېيشېل تاقىم ئاراللىرىمۇ قۇشلار ئارىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارالنىڭ كۆلىمى پەقەتلا5 .2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئارالدا پۈتۈنلەي ئىپتىدائىي ھالەت ساقلىنىپ قالغان. ھەر يىلى4 -،5 - ئاي مەزگىلىدە تەخمىنەن1 ~2 مىليون قۇش بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىپ ۋە جۈپلىشىپ، تۇخۇم تۇغۇپ، كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، ئارالدا قۇشلار نۇرغۇن تۇخۇم تۇغىدىغان بولغاچقا، مەزكۇر ئارال يەنە «تۇخۇم ئارىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارالغا يەنە «بۇ قۇشلار دۇنياسى، سىز قۇشلار دۇنياسىنىڭ بىر مېھمىنى» دېگەن ۋىۋىسكا تىكلەنگەن.
جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى − چىڭخەي كۆلىدىمۇ بىر قۇشلار ئارىلى بار. كۆلىمى460 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ كىچىك ئارالدا100 مىڭدىن ئارتۇق قۇش ياشايدۇ. ھەر يىلى ئەتىيازنىڭ ئاخىرى، ياز پەسلىنىڭ باشلىرى ئارالنىڭ ھەممىلا يېرى قۇشلارغا تولىدۇ. ئەگەر ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتسىڭىز، پۈتكۈل ئارالنىڭ قۇش ئۇۋىسى بىلەن چوڭ - كىچىك قۇش تۇخۇمىغا تولغانلىقىنى كۆرىسىز.