UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللاريامايكا ئارىلى

يامايكا ئارىلى

دۇنيادىكى ئاراللار يامايكا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ كارىب دېڭىزىدىكى بىر ئارال دۆلەت. بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرى سۇ ۋە ئوت - چۆپ بىلەن قاپلانغان بولۇپ، شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۈيىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئىندىئانلارنىڭ ئاراۋاك مىللىتىنىڭ تىلىدا «يامايكا» دېگەن سۆز «بۇلاق ئارىلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يامايكا ئارىلىنىڭ كۆلىمى10991 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالدا تاغلىقلار كۆپ، بىراق تاغ چوققىلىرى ئانچە ئېگىز ئەمەس، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2256 مېتىر كېلىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە ئېگىز تاغ يېرىقلىرى ۋە چوڭقۇر تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدىن شىلدىرلاپ ئېقىپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ بۇلاق سۇلىرى يىغىلىپ كىچىك ئېقىنلارنى، شارقىراتمىلارنى، ئاخىردا چوڭ - كىچىك دەريالارنى ھاسىل قىلىدۇ. پۈتۈن ئارالدا چوڭ - كىچىك بولۇپ100 دىن ئارتۇق دەريا بار. بۇ دەريالارنىڭ نامى ئىنتايىن قىزىقارلىق. بەزىلىرى قار دەريا دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى كەڭ دەريا دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى مىس دەريا دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بەزىلىرى سۈت دەرياسى، بانان دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ... ئارالغا ھاك جىنسلار كەڭ تارقالغان، كىسلاتالىق سۇنىڭ تەسىرىدە بۇنداق ھاك جىنسلاردا ئاسانلا يوچۇق، ئۆڭكۈر پەيدا بولۇپ، تاغ جىنس قاتلاملىرىدا سۇلۇق قاتلاملار ھاسىل بولىدۇ. يامايكا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ھۆل - يېغىن ناھايىتى كۆپ، شۇڭا تاغ جىنىس قاتلاملىرى ئارىسىغا سۈزۈك سۇلار يىغىلىپ قالىدۇ. تاغ جىنس قاتلاملىرى بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېرىقچىلار پەيدا بولغاندا، بۇ سۇلار ئېقىپ چىقىپ بۇلاقلار ھاسىل بولىدۇ. يامايكا ئارىلىدا نۇرغۇنلىغان يار بۇلاق ۋە شارقىراتمىلار بولغاندىن سىرت، يەنە ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆڭكۈرلەر بار، بۇنىڭغا كۆركەم تروپىك بەلۋاغ مەنزىرىسى قوشۇلۇپ، مەزكۇر جاي مەشھۇر ساياھەت رايونىغا ئايلانغان. يامايكا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ بائۇكست چىقىدىغان جاي، يامايكىدىن يەنە بانان، شېكەر قومۇشى، قەھۋە، كاكائو قاتارلىق تروپىك بەلۋاغ مېۋىلىرى كۆپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار
يامايكا ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki