UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللاركامچاتكا يېرىم ئارىلى

كامچاتكا يېرىم ئارىلى

دۇنيادىكى ئاراللار كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ ھادىسىلەر مەۋجۇت: ئېگىز تاغ ئۆسۈملۈكلىرى دېڭىز بويلىرىدا ئۆسىدۇ؛ ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بىلەن يانار تاغلار «تىنچلىقتا بىللە تۇرىدۇ»؛ رۇخسىگۈل ئارىشاڭ يېنىدىكى قار دۆۋىسىدە ئېچىلىدۇ؛ چايكىلار بېلىق دۈمبىسىدە تۇرۇپ ئەركىن ئوزۇقلىنىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى: يېرىم ئارالدا «ھايۋانلار مازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ جىلغىسى بار، سەكرىشىپ ئويناپ يۈرگەن نۇرغۇن ھايۋانلار بۇ تاغ جىلغىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالىدۇ. بۇ سىرلىق يېرىم ئارال ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى روسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدۇر. «كامچاتكا» روس تىلىدا «ئىنتايىن يىراق يەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كامچاتكا يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1200 كىلومېتىر، كەڭلىكى100 كىلومېتىردىن450 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى370 مىڭ كۋدرات كىلومېتىر بولۇپ، روسىيىدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېرىم ئارالنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە يېقىن بولغاچقا، قىش پەسلى سوغۇق، ياز پەسلى سالقىن بولىدۇ، ئېگىز تاغلارغا كەڭ كۆلەمدە مۇزلۇقلار جايلاشقان سوغۇق بىر دۇنيادۇر. بىراق يېرىم ئارالدا يەنە نۇرغۇنلىغان يانار تاغلار بىلەن ئارىشاڭلار بار. پەقەت ھەرىكەتتىكى يانار تاغدىنلا28 ى، ئارىشاڭ ۋە فونتان، بۇلاقتىن نەچچە1000 ى بار. بەزى ئارىشاڭلارنىڭ سۈيى ئىنتايىن قىزىق بولۇپ، تۇخۇم ۋە ياڭيۇلارنى پىشۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنداق ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك شارائىتى نۇرغۇن ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. «ھايۋانلار مازىرى» دەپ ئاتالغان جاي كىخپىنىچ يانار تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان، بۇ تاغ جىلغىسىدا ھەر خىل قۇشلار بىلەن تۈلكە، ئېيىق قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرى ۋە سۆڭەكلىرى دۆۋىلىنىپ تۇرىدۇ، ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقارغان: بۇ تاغ جىلغىسىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ قورشاپ تۇرىدۇ، پەقەت بىرلا تەرىپى سىرت بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، تاغ جىلغىسىدا زەھەرلىك ھىدرو سۇلفىد گازى بار بولۇپ، سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان يەردىن شامال كىرسە ھىدرو سۇلفىدنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەيدۇ، ھايۋانلارمۇ بۇ جىلغىغا كىرەلەيدۇ؛ شامال توختىشى بىلەنلا ھىدرو سۇلفىدنىڭ قويۇقلۇقى ناھايىتى تېز ئېشىپ، ھايۋانلار كەينى - كەينىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار
كامچاتكا يېرىم ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki