ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى ئاراللار
ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى تىنچ ئوكياننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى17 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ20 دىن ئارتۇق يانار تاغ ئارىلى ۋە مارجان ئاراللىرىدىن تەركىب تاپقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەككىز ئارالنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ.
ھاۋاي ئارىلى تاقىم ئاراللار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال، ئۇ ئاجايىپ يانار تاغ مەنزىرىسى بىلەن داڭلىق. ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1247 مېتىر كېلىدىغان ھەرىكەتتىكى كىلاۋېئا يانار تېغى بار بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك لاۋا ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئېتىلىپ چىققان لاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، خۇددى قازاندا قايناۋاتقان پولات سۈيىگە ئوخشاش بۇلدۇقلاپ، ئۇزۇنلۇقى4 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى130 مېتىر كېلىدىغان «ئوت كۆلى» نى ھاسىل قىلغان. يانار تاغ ھەرىكىتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان لاۋا ئوت كۆلىنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چىقىپ، كۆركەم لاۋا شارقىراتمىسى، لاۋا دەرياسى، ھەتتا لاۋا بۇلىقىنى ھاسىل قىلىدۇ. يەرلىك ئاھالىلەر بۇ ئوت كۆلىنى «خالىمومو» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ سۆز «مەڭگۈ يالقۇنجاپ تۇرىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە. كېچىلىرى ئوت كۆلىدىن ئاسمانغا ئېتىلىپ چىقىۋاتقان لاۋا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان «بايراملىق ساليوت» نى ھاسىل قىلىدۇ. چاچراپ چىققان لاۋا قېتىشىپ چاچتەك ئىنچىكە چىۋىقچىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، كىشىلەر بۇنى «ئوت ئىلاھىنىڭ چېچى» دەپ ئاتايدۇ.
كىلاۋېئا يانار تېغىنىڭ غەربىدە يەنە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4170 مېتىر كېلىدىغان ماۋنالوئا يانار تېغى بار. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز دېڭىز ئارىلى يانار تېغىدۇر.
بۇ ئىككى يانار تاغدىن دائىم لاۋا ئېتىلىپ چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يانار تاغ ھەرىكىتى ئانچە بەك كۈچلۈك ئەمەس. لاۋىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىمۇ تۆۋەن، ئېقىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئېقىن يولى ئاسان توسۇلۇپ قالمايدۇ، شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ يانار تاغنى تاماشا قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلانغان.20 - ئەسرنىڭ باشلىرى، ئا ق ش ھۆكۈمىتى ئۇنى «ھاۋاي دۆلەتلىك يانار تاغ باغچىسى» قىلىپ بېكىتتى.
ئۇئاخۇ ئارىلى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئۈچىنىچى چوڭ ئارال، ئارالنىڭ ئۇزۇنلۇقى64 كىلومېتىر، كەڭلىكى42 كىلومېتىر، كۆلىمى1554 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھاۋاي شتاتىنىڭ مەركىزى − ھونولۇلۇ (تەنشياڭشەن) مۇشۇ ئۇئاخۇ ئارىلىدا. ئۇئاخۇ ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى − پېئارل پورتىدىن ئىبارەت.
كاۋئاي ئارىلى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال، ئۇ دۇنيادىكى يامغۇر ئەڭ كۆپ ياغىدىغان جاي بولۇپ، دۇنيانىڭ »يامغۇر قۇتۇپى« دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يامغۇر مىقدارى11684 مىللىمېتىر. ئارالنىڭ شەرقىي شىمالى يانباغرى پۈتۈن ئارال بويىچە ھۆل - يېغىن ئەڭ كۆپ ياغىدىغان جاي، ھەر يىلى350 كۈن يامغۇرلۇق كۈن بولىدۇ. بىراق تۇتاش تاغ تىزمىسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان كاۋئاي ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى بىر قاقاسلىق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى460 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، يەنى شەرقىي شىمال قىسمىدىكى ھۆل - يېغىن مىقدارىنىڭ %4 ىگىمۇ يەتمەيدۇ. تېخىمۇ سىرلىق يېرى شۇكى، كىشىلەر بۇ قۇم ئېدىرلىقىدا ماڭسا قۇم ئېدىرلىقلار «ۋاڭ، ۋاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ ئەگەر دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملۇقتا يۈگۈرسە خۇددى گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ئاۋاز چىقىدۇ، ھاۋا قانچە قۇرغاق بولسا، چىقارغان ئاۋازىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئالىملار بۇ ئاجايىپ تەبىئىي ھادىسە ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى بۇ ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا، ھەر يىلى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نەچچە مىليونغا يېتىدۇ.
ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ دېڭىز ۋە ھاۋا قاتنىشىدا ئۆتمىسە بولمايدىغان ئۆتكەل، تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان دېڭىز ئاستى كابېلىمۇ مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ «تىنچ ئوكياندىكى تۆت كوچا ئېغىزى» دېگەن نامى بار.