UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللارسومالى يېرىم ئارىلى

سومالى يېرىم ئارىلى

دۇنيادىكى ئاراللار قىزىل دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن سوزۇلۇپ چىققان بىر پارچە قۇرۇقلۇق بار، ئۇ − سومالى يېرىم ئارىلىدۇر. ئۇنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن750 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ خۇددى كەركىدان مۈڭگۈزىدەك شەرقىي شىمالغا قاراپ ئۇزىراپ چىقىپ قىزىل دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدىكى سۇ يولىنى تارايتىپ قويغان. سومالى يېرىم ئارىلىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى بار، شىمالغا قاراپ ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ياۋروپا قىتئەسى بار. ئۇ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ قاتناش تۈگۈنى، شۇنداقلا قىزىل دېڭىزدىن ھىندى ئوكيانغا بارىدىغان مۇھىم يول ئېغىزى. پارس قولتۇقىدىن چىققان ماي پاراخوتلىرى ھەمدە مالاككا بوغۇزى ئارقىلىق كەلگەن پاراخوتلار بۇ جايدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىزغا بارالمايدۇ، شۇڭا بۇ يەر «قىزىل دېڭىزنىڭ تاقىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. سومالى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان دۆلەت − سومالى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ «ئافرىقىنىڭ مۈڭگۈزى» دېگەن نامى بار. بۇنىڭدىن500 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې غايەت زور كېمە ئەترىتىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلگەن. بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق ھەم قۇرغاق، سۈيى كەمچىل، تېرىلغۇ يېرى ئاز، ئوتلاق كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %45 ىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان جايلىرى چۆللۈك ۋە يېرىم چۆللۈكلەردىن ئىبارەت. تەخمىنەن %75 ئاھالە چارۋىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى بېقىلىدىغان تۆگە سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يەنى سومالىدا بېقىلىۋاتقان تۆگىنىڭ سانى دۇنيادىكى ئومۇمىي تۆگە سانىنىڭ3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تۆگە شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى، شۇنداقلا گۆش، سۈت ۋە ماينىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. سومالىلىقلار بايلىقىنىڭ كۆپ - ئازلىقىنى تۆگىسىنىڭ سانى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ. سومالىنىڭ يەنە «خۇش پۇراق ماتېرىياللار پادىشاھلىقى» دېگەن نامىمۇ بار. ئۇ ئىشلەپچىقارغان مەستتىكى رۇمى، مۇرمەككە قاتارلىق ئەتىۋارلىق خۇش پۇراق ماتېرىياللارنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇ ئەزەلدىنلا دۇنياغا داڭلىق.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار
سومالى يېرىم ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki