UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللارتوباگو ئارىلى

توباگو ئارىلى

دۇنيادىكى ئاراللار توباگو ئارىلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ترىنداد ۋە توباگونىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارىلى، ئۇ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان. ئارالنىڭ ئۇزۇنلۇقى42 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى ئاران11 كىلومېتىر بولۇپ، شەكلى تار ھەم ئۇزۇنچاق ھالەتتە، خۇددى بىر تال شۆجيا تاماكىسىغا ئوخشايدۇ، يەنە كېلىپ ئارالدىن تاماكا كۆپ چىقىدۇ، شۇڭا بۇ ئارال «توباگو» دەپ ئاتالغان. ئۇ «تاماكا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. توباگو ئارىلىنىڭ كۆلىمى300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئارالنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى تۇتاش كەتكەن ئېگىز - پەس تاغلىق، غەربىي جەنۇب قىسمى تەكشى تۈزلەڭلىك. ئارالنىڭ ھەممىلا يېرى پالمىزارلىق بولۇپ، گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدۇ؛ قىرغاق ساھىل بەلۋاغلىرى يۇمشاق قۇمدىن ئىبارەت، سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن سۇ تېگى كۆرۈنۇپ تۇرىدۇ. تروپىك بەلۋاغ بېلىقلىرى مارجان خادا تاشلىرى ئارىسىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۈزۈشۈپ يۈرىدۇ، مانا بۇلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تروپىك بەلۋاغ مەنزىرىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئارالنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كىچىك توباگو ئارىلىدا پەيلىرى چىرايلىق، ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىشىپ، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن قۇشلار ياشايدۇ. ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى بۇكو خادا تاشلىقىدا مەشھۇر «دېڭىز ئاستى باغچىسى» بار. توباگو ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار