فلورىدا يېرىم ئارىلى
دۇنيادىكى ئاراللار
فلورىدا يېرىم ئارىلى ئا ق ش نىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا بولۇپ، كۆلىمى151600 كۋادرات كېلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ خۇددى بىر ماتېرىكتىن ئۇزىراپ چىققان غايەت زور بارماققا ئوخشايدۇ.
بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئىقلىمى ئىللىق. بۇنىڭدىن تەخمىنەن400 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيىلىكلەر بۇ يەرگە كېلىپ، دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلىنىپ، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان مەنزىرىنى كۆرۈپ، مەزكۇر يەرگە «فلورىدا» دېگەن گۈزەل ئىسىمنى قويغان (ئۇ «گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان» دېگەن مەنىدە). بۇ يەردە سۇبتروپىك بەلۋاغ زىرائەتلىرى ئۆسىدۇ، بولۇپمۇ ئاپېلسىن ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، پۈتۈن يېرىم ئارالنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تارقالغان، ئۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن ئا ق ش ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەردىن يەنە كۆكتات كۆپ چىقىدۇ، ئۇ ئا ق ش نىڭ ئىككىنچى چوڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.
فلورىدا يېرىم ئارىلى يەنە مەشھۇر ساياھەت ۋە دەم ئېلىپ داۋالىنىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ دېڭىز ساھىل شەھىرى − مىئامى شەھىرىدە داڭلىق دېڭىز ساھىلى پالمىزارلىقى بار. دېڭىز ساھىلىنى ھەم پاكىز، ھەم يۇمشاق قۇملار قاپلىغان، دېڭىز قىرغىقىدا ئېگىز ئۆسكەن پالما دەرىخى بار، تېخىمۇ يىراققا كۆز يۈگۈرتسىڭىز، كۆپكۈك دېڭىز سۈيى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ بىر تىپىك سۇبتروپىك بەلۋاغ دېڭىز ساھىلى مەنزىرىسىدۇر. يېقىن ئەتراپىدىكى قىزىل تۇرنا كۆلىدە پەيلىرى ئەتىرگۈل رەڭلىك تۈركۈم - تۈركۈم قىزىل تۇرنىلار ياشايدۇ. بۇ قىزىل تۇرنىلار يەنە ساياھەتچىلەرگە «ئويۇن قويۇپ» بېرىدۇ. ئۇلار رەتلىك سەپ تۈزۈپ يىراقلارغا ئۇچۇپ بارىدۇ ھەم يىراقلاردىن ئۇچۇپ كېلىدۇ، مىئامى شەھىرىنىڭ دېڭىز ساھىلى ئەتراپىدا مېھمانسارايلار ئىنتايىن كۆپ، ھەممىلا يەردە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى بار، ھەر يىلى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈزمىڭ ئادەمگە يېتىدۇ.
فلورىدا يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كاناۋېرال تۇمشۇقى ئا ق ش نىڭ راكېتا ۋە ئالەم ئايروپىلانى قويۇپ بېرىش بازىسى، ئۇنىڭ «ئالەم شەھىرى» دېگەن نامى بار.