UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ئاراللارسىرى لانكا

سىرى لانكا

دۇنيادىكى ئاراللار ھىندى ئوكياندىكى سىرى لانكا بىر گۈزەل ئارال دۆلەت. ئۇ خۇددى كۆك دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان نېلۇپەر گۈلىگە، كۆك مەخمەل ئۈستىگە قادالغان گۆھەرگە ئوخشايدۇ. سىرى لانكىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى434 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى225 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى65610 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تۇخۇم شەكلىدىكى ئارالدا ئالاھىدە بولغان تروپىك بەلۋاغ مەنزىرىسى، بۇددا دىنىغا دائىر ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەشھۇر جايلار بار بولۇپ، «ئېكۋاتوردىكى جەننەت» دېگەن نامى بار. سىرى لانكىنىڭ ئەسلى ئىسمى سېيلون، جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا «شىر دۆلىتى» دەپ ئاتالغان،1000 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ ئارال ئېكۋاتور ئەتراپىدا بولۇپ، شىمالدا پاللىك بوغۇزى ئارقىلىق ھىندىستان سۇب چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي ھىندى ئوكيان دېڭىز يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە جايلاشقان بولۇپ، «ھىندى ئوكياننىڭ ئاچقۇچى» دېگەن نامى بار. بۇ يەرنىڭ تۆت پەسلى ياز بولۇپ، يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ. چاي، كاۋچۇك ۋە پالما — سىرى لانكىنىڭ «ئۈچ گۆھىرى» ھېسابلىنىدۇ. «سېيلون» قىزىل چېيى تەمىنىڭ تەملىك ھەم خۇش پۇراقلىقى بىلەن داڭلىق. سىرى لانكا، جۇڭگو ۋە ھىندىستان دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ چاي ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتتۇر. «سىرى لانكا» دېگەن سۆز سانسكرىت تىلىدا «ياقۇت» دېگەن مەنىدە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق قويۇلغان نام، چۈنكى ئارالنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن جۇلالىنىپ تۇرغان ياقۇت قېزىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، سىرى لانكا قانۇنىدا: ھەرقانداق ئادەمنىڭ تېرىقچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن باشقا، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز يەرلەرنى قېزىش ۋە ئاغدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ قاتتىق بەلگىلەنگەن. سىرى لانكىدىن ياقۇت، قىزىل ياقۇت، كۆك ياقۇت، يېشىل ياقۇت قاتارلىق22 خىل ياقۇت چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «مۈشۈك كۆز ياقۇت» ئەڭ قىممەتلىكتۇر. ئۇنداق ياقۇت ئادەتتە ياپيېشىل ھەم سۈزۈك بولۇپ، كۈن نۇرىدا خۇددى مۈشۈك كۆزىدەك كۆرۈنىدۇ. گەرچە سىرى لانكا بىر يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولسىمۇ، لېكىن يەنە1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياقۇت قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ھەم ئۇنى ئېلىپ - سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ياقۇت سرى لانكىنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ئاراللار