ماستى ئارىلى
دۇنيادىكى ئاراللار
18 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە رومانى «روبىنزوننىڭ سەرگۈزەشتلىرى» دە ماتروس روبىنزوننىڭ دېڭىز سەپىرىدە خەتەرگە يولۇقۇپ، ئادەمزات يوق بىر يەككە ئارالغا بېرىپ قېلىپ، ئۇ يەردە نەچچە يىل ياۋايى ئادەملەردەك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
روبىنزون روماندىكى بىر پېرسوناژ، بىراق ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىش بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئالېكساندر سېركىك. سېركىك ئەسلىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىدىكى شوتلاندىيىلىك لېيتېنانت ماتروس.1704 - يىلى ئۇ ئەنگلىيىنىڭ16 زەمبىرەكلىك پاراخوتىدا ماستى ئارىلى ئەتراپىدا كېتىۋاتقاندا، بۇ يالغۇز ئارالغا قالدۇرۇلغان ھەم ئۇنىڭغا بىر تال ئاتلىق ئەسكەر مىلتىقى، بىر سەگەنچۈك ۋە بىر «ئىنجىل» قويۇپ كېتىلگەن. سېركىك شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئادەمزات يوق ئارالدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن. كۈندۈزى ئۇ سەقەنقۇر (پىل چىشلىق دېڭىز ئېتى) ۋە ئۆچكىلەر بىلەن بىللە يۈرسە، كېچىلىرىنى دېڭىز بۆرىسى ۋە قارىغاينىڭ شاۋقۇنلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن. ئۇ دائىم تاغ چوققىسىغا چىقىپ، كۆز يەتكۈسىز دېڭىزغا ئۇزۇندىن - ئۇزۇن قاراپ، بىرەر پاراخوتنىڭ كېلىپ ئۇنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان. ئۇ تۆت يىل، تۆت ئاينى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزگەن. ئاخىر1709 - يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيىنىڭ دۇك كېمە ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ، ۋەتىنىگە ئېلىپ كېتىلگەن.
سېركىك ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن دېنيېر. دېفوئې بىلەن تونۇشقان. دىغوئې سېركىكنىڭ سەرگۈزەشتلىرىگە ئاساسەن «روبىنزوننىڭ سەرگۈزەشتلىرى» دېگەن روماننى يېزىپ چىققان. روماندا يېزىلغان تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن ماستى ئارىلى نام چىقارغان.
ماستى ئارىلىنىڭ شەرقىدىن چىلى دېڭىز قىرغىقىغىچە بولغان ئارىلىق450 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ خۇئان - فېرناندېس ئارىلىنىڭ ئاساسلىق ئارىلى بولۇپ، يانار تاغ ئارىلىغا تەۋە. ئارالنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز - پەس، بۈك - باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان. چىلى ھۆكۈمىتى1966 - يىلى بۇ ئارالنىڭ نامىنى «روبىنزون. كرۇزو ئارىلى» دەپ ئۆزگەرتكەن ھەم دۆلەتلىك باغچە قىلىپ بېكىتكەن. سېركىك ئەينى يىللىرى يىراقلارغا نەزەر سالغان تاغ چوققىسىغا بىر مىس تاختا ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا سېركىكنىڭ سەرگۈزەشتلىرى يېزىلغان. بۇ ئادەمزات ئاياغ باسمايدىغان كىچىك ئارال ھازىر جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ گۈللىنىۋاتقان ساياھەت رايونىغا ئايلاندى.