بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى ئاراللار
بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن930 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زېمىنى بولۇپ،150 كىچىك ئارال بىلەن نۇرغۇن خادا تاشلاردىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي كۆلىمى53 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.1515 - يىلى ئىسپانىيىلىك دېڭىزچى جۇئان. دې. بېرمۇدىس كېمىگە ئولتۇرۇپ بۇ يەردىن ئۆتكەندە مەزكۇر ئارالنى بايقىغان، شۇڭا ئۇ بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتالغان.
بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تېگىدىن تاساددىپىي «كۆتۈرۈلۈپ» چىققان ئارال. بىرقانچە مىليون يىل ئىلگىرى بۇ دېڭىز رايونىنىڭ دېڭىز تېگىدە شىددەتلىك يانار تاغ پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. ئىنتايىن قىزىق لاۋا يەر شارىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىن ئېقىپ كېلىپ يانار تاغ ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئېتىلىپ چىققان، نەتىجىدە، نۇرغۇن كۇنۇسسىمان كىچىك تاغلار پەيدا بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ كىچىك تاغلار بارغانسېرى «ئېگىزلەپ»، دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئاراللارنى ھاسىل قىلغان. مانا بۇ ئاراللار يانار تاغ ئاراللىرى دەپ ئاتالغان.
يۇلتۇزدەك تارقالغان بۇ ئاراللارنىڭ تەخمىنەن20 سىدىلا ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان. مەزكۇر ئاراللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال بېرمۇدا ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى ئالتە ئارال كۆۋرۈك ۋە توغان ئۈستىگە ياسالغان تاشيول ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، شۇڭا بۇلار تاقىم ئارالدىكى «ماتېرىك» دەپ ئاتىلىدۇ.
بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىقلىمى ئىللىق ھەم نەم، ئۆسۈملۈكلەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا كۆكىرىپ تۇرىدۇ، گۈلسامساق، سۆگەتگۈل، سابىرا، لەيلى ياغاچ ۋە ھەشقىپىچەك گۈلىدىن تەركىب تاپقان بەش «گۈل سەيلىسى يولى» بار، ھاۋاسى بەكمۇ ساپ. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان قۇرۇلۇشلار، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان تەنھەرىكەت مەيدانلىرى، جىمجىتلىققا چۆمگەن دېڭىز ساھىللىرى، ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك قورام تاشلار كىشىنى زوقلاندۇرۇپ، ئۇنتۇغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرىدۇ. ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدۇ. ئارالدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەر ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ساياھەتتىن كىرىدىغان كىرىمى بېرمۇدا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ5 /2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى «ساياھەتچىلىك فېدېراتسىيىسى» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.20
- ئەسىردىن بۇيان، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدىكى بىر ئۈچ بۇرجەك دېڭىز رايونىدا دائىم ئايروپىلان ۋە كېمىلەرنىڭ سىرلىق ھالدا يوقاپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن،1925 - يىل4 - ئاينىڭ18 - كۈنى ياپونىيىنىڭ «لەيفۇۋەن» ناملىق بىر يۈك پاراخوتى ئا ق ش نىڭ بوستون شەھىرىدىن لىق بۇغداي قاچىلاپ يولغا چىقىپ بېرمۇدادىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ توساتتىن ئىز - دېرەكسىزلا يوقاپ كەتكەن، ھەتتا ھېچقانداق قالدۇقلىرىمۇ تېپىلمىغان.1945 - يىل12 - ئاينىڭ5 - كۈنى فلورىدادىن ئۇچقان ئا ق ش نىڭ بەش بومباردىمانچى ئايروپىلانى بېرمۇدانىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرىغان. ئىنتايىن ئاجىز قۇتقۇزۇش سىگنالى تاپشۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، يەنە ئىككى چوڭ تىپتىكى ئايروپىلاننى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن، بىراق بۇ قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن ئايروپىلاننىڭ يەنە بىرىمۇ يوقاپ كەتكەن. كېيىن ئا ق ش يەنە بىر تۈركۈم پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئىز - دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالمىغان. شۇڭا، بۇ رايون بېرمۇدا «شەيتان ئۈچ بۇرجەك رايونى» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ بىلەن «ساياھەتچىلىك فېدېراتسىيىسى» نى بىر قەۋەت قورقۇنچلۇق تۇمان قاپلىغان. نۇرغۇن ئالىملار بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.