خەينەن ئارىلى
دۇنيادىكى ئاراللار
جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال − خەينەن ئارىلىنىڭ كۆلىمى32200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تروپىك بەلۋاغ زىرائەتلىرى خەزىنىسىدۇر. خەينەن ئارىلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئېگىز پالما دەرىخى، كاۋچۇك دەرىخى، قەھۋە دەرىخى، بانان دەرىخى ۋە شېكەر قومۇشلۇقى بار. بۇ يەردىن پالما، ئاناناس، لىجى، مانگو، لۇڭيەن، بانان قاتارلىق تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ مېۋىلىرى كۆپ چىقىدۇ. پۈتۈن ئارالدا200 مىڭ مو پالمىزارلىق بار. خەينەن ئارىلىدىكى تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپى قاتار كەتكەن ئېگىز پالما دەرىخىدىن ئىبارەت، ئادەم بۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۆزىنى خۇددى پالما پادىشاھلىقى دۆلىتىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. مەزكۇر جايدا شالدىن يىلىغا ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدۇ، تەبىئىي بايلىقى ئىنتايىن مول، غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا چوڭ تىپتىكى تۇزچىلىق مەيدانى بار.
خەينەن ئارىلىنىڭ ئىقلىمى ئىسسىق ھەم نەم، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سوغۇقتىن پاناھلىنىدىغان ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. ھەيۋەتلىك ۋۇجىشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ۋەنچۇەنخې دەرياسى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەيپىڭشەن شارقىراتمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان جايلاردۇر. خەينەن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى سەنيا شەھىرىنىڭ «جۇڭگودىكى ھاۋاي» دېگەن گۈزەل نامى بار. سەنيا شەھىرىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز بويىدا «ئالەمنىڭ ئۇ چېتى» دېگەن بىر مەنزىرىلىك جاي بار. دېڭىز بويىدىكى چوڭ بىر تاشقا «ئالەمنىڭ ئۇ چېتى» دېگەن سۆز ئويۇلغان. قەدىمكى كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كۆز يەتكۈسىز دېڭىزغا قاراپ، رەڭگى كۆككە تۇتاشقان، بىپايان ئىس - تۈتەكلىك ۋە دولقۇنلۇق چەكسىز دېڭىزنى دۇنيانىڭ چېتىگە ئوخشىتىپ مەزكۇر جاينى، «دۇنيانىڭ ئۇ چېتى» دەپ قارىغان.
خەينەن ئارىلى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كەڭلىكى34 كىلومېتىر كېلىدىغان چيۇڭجۇ بوغۇزى ئارقىلىق لېيجۇ يېرىم ئارىلىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.1988 - يىلى خەينەن ئارىلى بىلەن ئەتراپىدىكى جۇڭشا، شىشا، دۇڭشا ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرى قوشۇلۇپ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلدى ھەمدە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلىپ بېكىتىلدى.